ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 07.10.2018 05:53:18 يوللانغان تارىخ: 07.10.2018 05:53:18 0 2286

دولقۇن ئەيسا شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشتى

ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى، ب د ت يىغىنى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن

‏دولقۇن ئەيسا شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شىۋېتسىيىگە قىلغان زىيارىتى جەريانىدا 06- ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى شىۋېتسىيىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىدە ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.
ئۇچرىشىش شىۋېتسىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:30 دا باشلىنىپ 18:00 دە ئاخىرلاشتى.
ئۇچرىشىشتا تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى فارۇخ سادۇق ئاكا رىياسەتچىلىك قىلدى. كېيىن سۈزگە چىققان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قىلغان پائالىيەتلىرىنى بىر قۇر ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، د ئۇ ق نىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى، ب د ت يىغىنى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ۋە خىتاينىڭ يالغانچىلىقلىرى ئۈستىدىن قازانغان بىرقىسىم ئۇتۇقلىرىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، 11- ئاينىڭ 06- كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابى بولغان جەنۋەدە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان كەڭ كۈلەملىك نامايىشقا شارائىتى يار بەرگەن بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى نامايىشقا قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلدى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى