ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 07.10.2018 05:14:02 يوللانغان تارىخ: 07.10.2018 05:14:02 0 2925

خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى

ئۇيغۇرلارنى تىلسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي تىلىنى مەجبۇرىي ئۆگىنىشكە زورلاش ۋە مەكتەبلەردە ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەرنى چىقىرىپ تاشلىغان ئىدى.

‏خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاشقۇن سىياسىتىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىسى فېيىسبۇكتا ئۇيغۇرچە كىتابلارنى بىر يەرگە دۆۋلەپ قۇيۇپ كۆيدۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشى تارقالغان.
مەزكۇر رەسىمدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈكىستاندا ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە ساقلاۋاتقان قۇرئان كەرىم، ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىك دىنىي كىتابلار، جايناماز ۋە تامغا چاپلايدىغان ئىسلامى رەسىملەرنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىپ كۆيدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى تىلسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي تىلىنى مەجبۇرىي ئۆگىنىشكە زورلاش ۋە مەكتەبلەردە ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەرنى چىقىرىپ تاشلىغان ئىدى.
خەلقئارادا يوقىلىپ كەتكەن تىلكارنى قوغداش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇغقا تىرىشچانلىق قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر كۈندە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنى بىر پۈتۈن خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىدا نەشىر قىلىنغان كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىشقا ئورۇنماقتا.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى