ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 05.10.2018 13:11:07 يوللانغان تارىخ: 05.10.2018 13:11:07 0 2798

دولقۇن ئەيسا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنى زىيارەت قىلدى

دولقۇن ئەيسانى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن باشچىلىقىدا ئۇيۇشما ھەيئەت ئەزالىرى كۈتۈۋالدى

‏دولقۇن ئەيسا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنى زىيارەت قىلدى

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن 04- ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى كەچتە شىۋېتسىيىگە كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 05- ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكى، بىر قىسىم شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە بەزى ئورگانلار بىلەن كۆرۈشۈشلەرنى تۈگەتكەندىن كېيىن جۈمە كۈنى كەچتە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنى زىيارەت قىلدى.
دولقۇن ئەيسانى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن باشچىلىقىدا ئۇيۇشما ھەيئەت ئەزالىرى كۈتۈۋالدى. ئۇچرىشىش شىۋېتسىيە ۋاقتى كەچ سائەت 19:00 دا باشلانغان بولۇپ، ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى