ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 05.10.2018 08:01:45 يوللانغان تارىخ: 05.10.2018 08:01:45 0 3333

خەلقئارالىق ساقچى ئىدارىسى باشلىقى خىتايدا غايىپ بولدى

خەلقئارا ساقچى ئىدارىسى (INTERPOL ) نىڭ باشلىقى مېڭ خۇڭۋېي، ئۆتكەن ھەپتە يەنى 29- سېنتەبىر شەنبە كۈنى فرانسىيىدىن ئايرىلىپ خىتايغا زىيارەتكە كەتكەنلىكىنى، شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق خەۋىرىنى

خەلقئارالىق ساقچى ئىدارىسى باشلىقى خىتايدا غايىپ بولدى

تۈركىيە تېلېۋىزىيىسى قانال 7 نىڭ خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە: فرانسىيە ساقچى (خەلقئارا ساقچى ئىدارىسى) (INTERPOL ) نىڭ باشلىقى مېڭ خۇڭۋېينىڭ غايىپ بولغانلىقىنى ۋە ئىز دېرىكىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە: ساقچى (خەلقئارا ساقچى ئىدارىسى) نىڭ باشلىقى مېڭ خۇڭۋېي سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا خىتايغا زىيارەتكە بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرغىچە قايتىپ كەلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەلقئارا ساقچى ئىدارىسى بۇ ھەقتە قىسقا بىر بايانات ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە رايتېرستىن نەقىل قىلىشىچە، فرانسىيە دائىرلىرى خەلقئارا ساقچى ئىدارىسى (INTERPOL ) نىڭ باشلىقى مېڭ خۇڭۋېينىڭ غايىپ بولۇشىغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە يەنە: 64 ياشتىكى خەلقئارا ساقچى ئىدارىسى (INTERPOL ) نىڭ باشلىقى مېڭ خۇڭۋېي، ئۆتكەن ھەپتە يەنى 29- سېنتەبىر شەنبە كۈنى فرانسىيىدىن ئايرىلىپ خىتايغا زىيارەتكە كەتكەنلىكىنى، شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىغان ئايالى ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ يولدىشىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغانلىقى دېيىلگەن.

خەلقئارا ساقچى ئىدارىسى (INTERPOL ) ۋەقە ھەققىدە بايانات بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر باياناتتا خەلقئارا ساقچى ئىدارىسى (INTERPOL ) نىڭ باشلىقى مېڭ خۇڭۋېينىڭ غايىب بۇلىشى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2016- يىلى خەلقئارا ساقچى ئىدارىسى (INTERPOL ) نىڭ باشلىقىغا سايلانغان مېڭ خۇڭۋېينىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى، خەلقئارا ساقچى ئىدارىسى (INTERPOL ) نىڭ باش مەركىزى بولغان فرانسىيىنىڭ (Lyon) شەھىرىدە ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى