ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 05.10.2018 06:44:01 يوللانغان تارىخ: 05.10.2018 05:38:50 0 2838

د ئۇ ق رەئىسى شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرى بىلەن بىرلىكتە، خىتاينىڭ ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركىزى) دىن ئىبارەت جازا لاگېرى ھەققىدە دوكلات بەردى

‏د ئۇ ق رەئىسى شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، شىۋېتسىيە ھۆكۈمەت دائىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن 2018- يىلى 04- ئۆكتەبىر كۈنى پەيشەنبە كۈنى كەچتە شىۋېتسىيىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن بىرلىكتە، 05- ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 08:00 دە، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىدە شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكى، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە بەزى مۇھىم ئورۇنلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.
ئۇچرىشىشتا، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرى بىلەن بىرلىكتە، خىتاينىڭ ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركىزى) دىن ئىبارەت جازا لاگېرى ھەققىدە دوكلات بەردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىدىكى ئۇچرىشىشى تۈگىگەندىن كېيىن، چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دە شىۋېتسىيە دۆلەتلىك رادىئو ئىستانىسىسدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدىكى سۆھبەت پروگراممىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك يېقىنقى كۈنلەردە شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تەربىيىلەش نامى بىلەن قارا قويۇق توپلاپ تۇتۇپ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا قىيناۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئارقا ئارقىدىن چىقىشقا باشلىغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 06- ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دە، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن ئۇچرىشىشىدىكەن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى