شىۋېتسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆزىنى ئۆزى رەسۋا قىلدى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 04.10.2018 10:24:57 يوللانغان تارىخ: 04.10.2018 10:24:57 0 13829

شىۋېتسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆزىنى ئۆزى رەسۋا قىلدى

ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۆزىنىڭ يالغانچىلىقىنى، كاززاپلىقىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق شىۋېتسىيىدە ئۆزىنى ئۆزى رەسۋا قىلدى

‏شىۋېتسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆزىنى ئۆزى رەسۋا قىلدى

شىۋېتسىيىگە كەلگەندىن بۇيان ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان توختاۋسىز زۇلۇملىرىغا قارشى شىۋېتسىيىدە خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلارنىڭ ھەممەسىگە دېگۈدەك قاتنىشىپ ئۆزەمنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر پۇقراسى ئىكەنلىكىمنى نامايان قىلىپ كەلگەن ئىدىم. شىۋېتسىيىگە كەلگەن ئون نەچچە يىللىق ھاياتىمدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شىۋېتسىيىدىكى ۋەكىلى بولغان ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ 2018- يىلىل 30- سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى تۇنجى قېتىم شىۋېتسىيىدە ئۆزىنى ئۆزى رەسۋا قىلغانلىقىنى كۆردۈم.
ھەممەگە مەلۇم بولغىنىدەك تاجاۋۇزچى خىتاي ئالۋاستىلىرى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 69 يىلدىن بېرى ھەر يىلى 1- ئۆكتەبىر كۈنىنى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەن كۈنى دەپ بېكىتىپ بۇ كۈندە بايرام تەنتەنىسى قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈشبۇ كۈننى ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 1- ئۆكتەبىر كۈنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە خىتايغا قارشى نامايىش قىلىش، بايانات ئېلان قىلىش قاتارلىق ئوخشىمىغان پائالىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە. بۇ جەريانىدا خىتاي ئۆزىچە ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇردۇق ياكى ئۇيغۇرلارنى مەسخىرە قىلدۇق دەپ ئويلاپ ئۆزىنى ئۆزى رەسۋا قىلدى.
ئىشنىڭ ئەسلى مۇنداق. بىز شىۋېتسىيە ساقچى ئىدارىسىدىن ئالغان ۋاقىتقا بىنائەن بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يېتىپ باردۇق. بىز نامايىش ئۈسكۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ نامايىشنى باشلىشىمىز بىلەن بىرگە، شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېتسىيە تارىخىدا ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش يۈز بەردى. ئۇ بولسىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى، شەرقىي تۈركىستانلىق نامايىشچىلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بۇندىن بۇرۇن قىلىپ باقمىغان بىر رەزىللىكنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئۇ بولسىمۇ نامايىشچىلارغا قارشى خىتاي ئەلچىخانىسى نامايىش قىلدى. يەنى بۇ قېتىم ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاۋاز ياڭراتقۇنى سىرتقا چىقىرىپ ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقنى نامايان قىلىدىغان دۆلەت مارشى، داۋانچىڭنىڭ يولى قاتتىق دېگەن ناخشىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچىسىنى ئالاھىدە تەييارلىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 2009- يىلى 05- ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدىكى نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىشقا سالغان غالچىلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا سۆزلىگەن ئاۋازى ۋە خىتايچە تەييارىلانغان نوتۇقلىرىنى قويۇش ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نەقەدەر پەس، نەقەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بەلكى خىتاي بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا رۇھى جەھەتتىن زەربە بېرىمىز دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۆزىنىڭ يالغانچىلىقىنى، كاززاپلىقىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق شىۋېتسىيىدە ئۆزىنى ئۆزى رەسۋا قىلدى.
نورمالدا شىۋېتسىيىدە نامايىشنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاۋاتقان ساقچىلارنىڭ نامايىشنى رەسىمگە ئالغانلىقىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئەمما بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئاۋاز ياڭراتقۇ ئارقىلىق نامايىشچىلارغا قارشى قىلغانلىرى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش قىلىۋاتقان نامايىشچىلارنى تېلېفۇنى ئارقىلىق سىنغا ئالغان. بەلكى خىتاينىڭ ئۇ كۈندىكى قىلمىشى شىۋېت ساقچىسىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان بولسا كېرەك.
نامايىش تۈگەپ قايتىدىغان ۋاقتىمىزدا ئەتراپتا يۈگۈرۈپ تەنھەرىكەت قىلىۋاتقان بىرقانچە يەرلىكلەر مەندىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى. مەنمۇ ئۇلارغا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ خىتاي ھاكىمىيىتى 1949- يىلى 01- ئۆكتەبىر كۈنى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنى، بۈگۈن بولسا ئىشغالىيەتنىڭ ساق 69- يىلى ئىكەنلىكىنى، بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش قىلغانلىقىمىزنى، ئەمما خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ بىزگە قارشى پائالىيەت قىلغانلىقىنى ئېيتقىنىمدا، ئۇ كىشىلەر بۇ ئىنتايىن غەلىتە ئىش بۇلۇپتۇ دەپ ھەيران قالغىنىچە سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن دەپ يولىغا راۋان بولدى.
تېخى ئالدىنقى ھەپتىلەردە 3 نەپەر خىتاي ساياھەتچى شىۋېتسىيىگە كېلىپ مېھمانخانا خادىملىرى ۋە مېھمانخانا ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە قۇلاق سالماي ئۇششۇقلۇق قىلغاندىن كېيىن ساقچىلار كېلىپ ئۇ ئۈچ خىتاينى كۆتۈرگىنىچە قەبرىستانلىققا ئاپىرىپ تاشلاپ قويغاندىن كېيىن خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆزىنىڭ پىرىنسىپ چۈشەنمەي ئۆكتەملىك قىلغان خەلقىگە نەسىھەت قىلماقتا يوق شىۋېتسىيە ساقچى دائىرلىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر ۋەقە شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدا قىززىق تېمىغا ئايلىنىش بىلەن بىرگە، شىۋېتسىيە تېلېۋىزىيە قانىلىدىمۇ ھەرخىل قىزىقارلىق يومۇرلۇق پروگراممىلار ئىشلىنىپ خىتاينى مەسخىرە قىلغان ئىدى.
دېگىنىمدەك خىتاي پۇقراسى بولسۇن ياكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بولسۇن بارغان تۇرغان دۆلەتكەردە ئۆكتەملىك قىلىپ دۇنياغا مەشھۇر بولماقتا. ئەمما بۇ قېتىم شىۋېتسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ بىۋاستە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ نامايىشچىلارغا قارشى چىقىشى، خىتاينىڭ نەقەدەر يولسىز ۋە ئۆكتەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ھېچقانداق بىر دۆلەتتە باشقا دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارغان نامايىشچىلارغا قارشى تۇرغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئەمما ئىشغالچى زالىم خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى تۈركۈملەپ تۇتۇپ ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركىزى) نامىدىكى جازا لاگېرىلىرىغا سولاپ جازالاپ خەلقئارانىڭ كۆزى خىتاينىڭ بۇ رەزىل سىياسىتى ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ شىۋېتسىيىدە ئېلىپ بارغان بۇ ئەخمىقانە قىلمىشى خىتاينىڭ ئىنتايىن يولسىزلىقىنى ئىسپاتلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئۆكتەملىكىنى ئاشكارىلىدى.
قىساسكار يىگىت 2018- يىلى 04- ئۆكتەبىر پەيشەنبە

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش