ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 01.10.2018 12:44:37 يوللانغان تارىخ: 01.10.2018 12:44:37 0 2303

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغالىيىتىنىڭ 69 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى نامايىشچىلارنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرگەن بولسا، ئەتراپتا ئايلىنىپ يۈرگەن تەنھەرىكەتچىلەر ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالغان

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغالىيىتىنىڭ 69 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق خىتاينىڭ باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا، خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشنى، شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا شىۋېتسىيىنىڭ يىراق- يېقىن شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر- ئايال ۋە بالىلار بۇلۇپ كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشتى.

نامايىش شىۋېتسىيە ۋاقتى 2018- يىلى 30- سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 باشلىنىپ 15:30 دە ئاخىرلاشتى.

نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان نامايىشچىلار قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق، تېررورىست خىتاي، دېگەندەك خەتلەر بېسىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا بولغان غەزەپ- نەپرىتىنى ئىپادىلەپ ھەرخىل شوئارلارنى توۋلاشتى.

بۇ قېتىمقى نامايىشتا ئىشغالچى خىتاي ئەلچىخانىسى نامايىشچىلارغا قارشى ئالاھىدە تەييارلىق قىلغان بولۇپ، نامايىش باشلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت مارشى، داۋانچىڭنىڭ يولى قاتتىق دېگەن ناخشىنىڭ خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچىسىنى، 2009- يىلى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باستۇرغان ۋاقىتتىكى بىر قىسىم سېتىلما ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازى ۋە خىتايچە سۆزلەنگەن نوتۇقلىرىنى قويۇش ئارقىلىق نامايىشچىلارنى پسىخىكىسىنى بۇزۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى نامايىشچىلارنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرگەن بولسا، ئەتراپتا ئايلىنىپ يۈرگەن تەنھەرىكەتچىلەر ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالغان. ئەتراپتا ئايلىنىپ يۈرگەن بەزى ساياھەتچىلەر نامايىشچىلارغا قىزىقىپ رەسىمگە تارتىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نامايىشچىلارغا قارشى پائالىيەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى.

كېيىن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ، جانابى ئاللاھدىن زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنى مەغلۇب قىلىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئاسى بىلەن نامايىش تېنچ ئۇسۇل بىلەن ئاخىرلاشتى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى