30- سىنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشقا چاقىرىق | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 24.09.2018 23:51:14 يوللانغان تارىخ: 24.09.2018 23:51:14 0 18311

30- سىنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشقا چاقىرىق

بۇ كۈن خىتاي باسمىچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستان خەلقلىرى ئۇچۇن ئېلىپ ئېيتقاندا ماتەم كۈنىدۇر.

30- سىنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشقا چاقىرىق

ھەر يىلى 1-ئۆكتەبىر كۈنى بولسا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىدۇر، ئەمما، بۇ كۈن خىتاي باسمىچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستان، خەلقلىرى ئۇچۇن ئېلىپ ئېيتقاندا ماتەم كۈنىدۇر.

مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى1- ئۆكتەبىر كۈنى يىتىپ كەلسە داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھارام غەلىبىسىنى تەلۋىلەرچە تەنتەنە قىلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 1- ئۆكتەبىرنىڭ ئالدى كەينىدە خىتاي باسمىچىلىرىنىڭ ئىشغالىيتى ئاستىدا ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرىدىن تامامەن مەھرۇم ھالەتتە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستان خەلقىگىمۇ ئاتالمىش 1- ئۆكتەبىر بايرىمىنى مەجبۇرى تېڭىپ ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىشقانلىقلىرىنى خىجىل بولماستىن «ئازادلىق قىلدۇق» دەپ داۋراڭ سېلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئالدامچىلىق تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

شەرقى تۈركىستانلىقلار بولسا خىتاينىڭ ئۇشبۇ ئالدامچىلىقنى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئىزچىل ھالدا ھەريلى ھەرخىل يوللار ئارقىلىق پاش قىلىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، بۇ يىلمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئۇشبۇ، كۈندە خىتاينىڭ ئالدامچىلىقنى پاش قىلىش، ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەزەلدىن خىتاي زېمىنىنىڭ بىر پارچىسى ئەمەسلىكىنى دۇنياغا جاكارلاش ئۈچۈن خىتاينىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى قىلىش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلاردىن روخسەت ئالغان بولۇپ، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۇشبۇ نامايىشىنى پائال قوللاپ قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

ۋاقتى: 2018- يىلى 30- سىنتەبى يەكشەنبە كۈنى، چۈشتىن كېيىن شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 14:00 باشلىنىدۇ.

ئورنى: ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا.

ئادېرسى: Lidovagen 8, 115 25 Stockholm

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش