بېنگال مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بارغان نامايىشىدىن ھېس قىلغىنىم | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 14.09.2018 21:28:59 يوللانغان تارىخ: 14.09.2018 21:28:59 0 15455

بېنگال مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بارغان نامايىشىدىن ھېس قىلغىنىم

ئۇلار قىلىشى كېرەك. ئۇلار قىلماي نېمە ئىش قىلىدۇ دەيدىغان كىشىلەر ھەم بار، خۇددى ھەممە ئىشنى تەشكىلات كۆترە بېرىۋەتكەندەكلا

‏بېنگال مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بارغان نامايىشىدىن ھېس قىلغىنىم
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى بىر قاپلىغان بېنگال مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان رەزىل سىياسەتلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بارغان نامايىشتا تارتىلىپ تارقىتىلغان رەسىملەردە يۈز مىڭلارچە كىشىلەرنىڭ خىتايغا بولغان غەزەب نەپرىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 70 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان رەزىل سىياسەتلىرى كۈنسايىن ئېشىپ بارماقتا. بۇلۇپمۇ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بېرى يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركىزى) نامىدىكى تۈرمىسى ۋەياكى جازا لاگىرىغا قارا قويۇق تۇتقۇن قىلىپ سولىشى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ۋە ب د ت قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئانچە مۇنچە دىققىتىنى تارتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدەك گەپ چۈشەنمەيدىغان، قانون تۈزۈمگە ئەمەل قىلمايدىغانلار ئۆكتەملەر ئۈچۈن يەنە بەرىبىر بولدى.
خىتاي قانخورلىرىنىڭ دۇنيا مۇسۇلمانلارنىڭ بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي سىياسىتى، ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبەر ئۈممەتلىرى بولغان خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ غەزەب نەپرىتىنى قوزغىيالمىدى دەپ ئاغرىنغانمۇ بولدۇق، ئۇلاردىن ئاغرىنىشىمىز ئەلۋەتتە ھەقلىق، ئەمما ئۇلارنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىدا ئەلۋەتتە مەلۇم سەۋەبلەر بۇلۇشى مۇمكىن. چۈنكى بىز دەۋاتقان دۇنيا ئىسلام تەشكىلات مۇستەقىل بىر دۆلەت ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىمۇ زالىم ھاكىمىيەتنىڭ بولغانلىقى، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن دېپلومات مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى، بەلكى بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى بىزگە غەمخورلۇق قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان بولساق كېرەك.
بىزنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە بولسا دەل خىتاي- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش (تەربىيلەش مەركىزى) نامىدىكى جازا لاگېرىنى يولغا قويغىلى خېلى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئاۋازى خىتاي- ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشىدىن كېيىن چىققىلى باشلىغان. ئامېرىكا ۋە غەرب ئاخباراتلىرىنىڭ ئاۋازىنى چىقىپ قېلىشى تاساددىبىي بولماسلىقى مۇمكىن.
خىتاي ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلمايۋاتامدۇ دېگەندە ئۇنداق ئەمەس، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئېغىز بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ قايسىدىنلا سورىسىڭىز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئاڭلىتىپ بولالماي قالغانلىقىنى كۆرىمىز. بىز زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى بىر خەلق بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتا يوق دېيەرلىك. بەزىلەرنىڭ چۈشەنچىسىدە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش پەقەتلا تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ئىشىدەكلا ھەممىنى تەشكىلات قىلسۇن، ئۇلار قىلىشى كېرەك. ئۇلار قىلماي نېمە ئىش قىلىدۇ دەيدىغان كىشىلەر ھەم بار، خۇددى ھەممە ئىشنى تەشكىلات كۆترە بېرىۋەتكەندەكلا. بەزى ئىشلار بار تەشكىلات قىلىدىغان، بەزى ئىشلار بار ھەم تەشكىلات ھەم خەلق بىرلىكتە قىلىدىغان.
مەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار بىلەن پاراڭلىشىپ باققىنىمدا خىتاينىڭ زۇلۇمىنىڭ ئېشىپ بارغانلىقىنى، ۋەتەندىكى ئائىلىسى بىلەن ئەڭ ئاز ئىككى ئايدىن بېرى ئالاقىلىشالمايۋاتقانلىقىنى سۆزلىگىنىدە، ئىچىمدە شۇنداق دېگەن ۋاقتىممۇ بولدى. سەن ماڭا قارىغاندا كۆپ تەلەيلىك ئىكەنسەن، سەن ۋەتەندىكى ئائىلەڭ بىلەن ئالاقىلاشمىغىلى ئارا ئىككى ئاي بۇلۇپتۇ. مەن بولسام ئۈچ يىل بولدى. ئورۇق تۇغقانلىرىمنىڭ نەچچىسى تۈرمىدە، نەچچىسى جازا لاگېرىدا، نەچچىسى ھايات، نەچچىسى ئۆلۈپ كەتتى. بۇلاردىن ھېچقانداق خەۋىرىم يوق دېگەنلەرنى ئويلاپ يەنە شۇ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغىلى ئىككى ئاي بولغانلارغا سەبىر قىلىشنى تىلىدىم.
ئالدىنقى ھەپتىلەردە بېنگىلادىشتىكى مۇسۇلمانلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كەڭ كۈلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن تور دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ تەسىز قوزغىدى. بىز نەچچە يىللاردىن بېرى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمىدى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا كۆز يۇمۇپ كەلدى دەپ قاقشىدۇقيۇ ئەمەكىيەتتە بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن داۋا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، خەلقىمىزنىڭ ئازاتلىقى، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىككى سائەتلىك نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن بەزىلىرىمەز شۇ ئىككى سائەتتە تاپىدىغان ئىقتىسادتىن ۋاز كېچەلمىدۇق، خەلقىمىز ۋە ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ئىككى سائىتىمىزنى قۇربان قىلالمىدۇق. ئەمما باشقىلاردىن ئاغرىنىپ قاقشاشقا ئۈلگۈردۇق، يازمىلارنى يېزىشقا ۋاقىت چىقىرالىدۇق.
ئىككى ھەپتىدىن بېرى ئاۋۇسترالىيە پارلامېنتىغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلانغان بولۇپ، پارلامېنتتىن غەيرى رەسمىي ئىسىم بىلەن بىردانە ئېلخەت ئارقىلىق ئىمزالاش ئۈچۈن 10000 (ئون مىڭ) ئاۋاز تەلەپ قىلىنغانلىقىنى تورلاردا ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، ئىلگىرى نامايىشقا قانتىشىش ئۈچۈن ئىككى سائىتىنى قۇربان قىلالمىغان مۇستەقىلچىلىرىمىز، بۇ قېتىم ئىككى سائەت ئەمەس پەقەت ئىككى مىنۇت ۋاقتىنى چىقىرالماي بىزگە بېرىلگەن مۆھلەت ئىچىدە تەلەپ قىلىنغان 10000 ساننى توشقۇزالمىغىلى تاس قالدۇق. دېمەك ئىمزا توپلاش ياكى نامايىش بولسۇن خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق پائالىيەتلەردە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلارنىڭ سانى 10000 غا يەتمەيدىغانلىقى چىقىپ تۇرماقتا.
قىساسكار يىگىت 2018- يىلى 14- سىنتەبىر جۈمە

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش