ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 08.09.2018 09:46:11 يوللانغان تارىخ: 08.09.2018 09:43:15 0 5078

ش ت ئۆ بىرلىكى شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا جەمئىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا دىننىڭ توغرىسىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، دەسلەپتە 26 كىشىدىن تەركىپ تاپقان دىنىي ئالىملار بىلەن باشلانغانلىقىنى

ش ت ئۆ بىرلىكى شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا جەمئىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدا بىر ھەيئەت شىۋېتسىيە زىيارىتى جەريانىدا، 2018- يىلى 08- سېنتەبىر شەنبە كۈنى، سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىدە شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش سۆھبىتى ئېلىپ باردى.
مەزكۇر سۆھبەت شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 12:00 دە باشلىنىپ 14:00 ئاخىرلاشتى.
سۆھبەت ئالدى بىلەن شىۋېتسىيىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان دىنىي زىيالىي ياسىن قارىنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.
قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى ۋە شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر ياردەم فوندىنىڭ رەئىسى فارۇخ سادۇق ئاكا، مېھمانلارنىڭ شىۋېتسىيىگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى. ئارقىدىن تۈركىيىدىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆزگە تەكلىپ قىلىندى.
مەزكۇر بىرلىكنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن بېرى تۈركىيە ئىچى ۋە باشقا چەتئەللەردە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
دوكتۇر شاھيار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا دىننىڭ توغرىسىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، دەسلەپتە 26 كىشىدىن تەركىپ تاپقان دىنىي ئالىملار بىلەن باشلانغانلىقىنى ھازىر ئۆلىمالار بىرلىكىگە قېتىلغان ئالىملارنىڭ سانى 80 گە بارغانلىقىنى، ئۆلىمالار بىرلىكى فەتىۋا بۆلۈمى، نەشرىيات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى دېگەندەك بىرقانچە بۆلۈم بۇيىچە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۇنيا ئۆلىمالار بىرلىكى، خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتلىرى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەنمۇ زىچ ئالاقە ئورنىتىپ ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار يەنە، ئالدىنقى يىلى مىسىردىن تۈركىيىگە كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى ئالى مەكتەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا فىنلاندىيە ۋەكىلى دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارىمنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاخىرىلاشتى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى