ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 08.09.2018 03:38:39 يوللانغان تارىخ: 07.09.2018 23:58:47 0 4686

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ھەيئەتلىرى ئۇيغۇر مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى

تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 07- سىنتەبىر جۈمە كۈنى كەچتە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىركىكىنىڭ ۋەكىللىرىگە زىياپەت بەردە

‏شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ھەيئەتلىرى ئۇيغۇر مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئاتاۋۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدا بىر ھەيئەت ياۋروپادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن 2018- يىلى 05- سىنتەبىر كۈنى ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىقىپ زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتىنى فىنلاندىيىدىن باشلىغان بولۇپ، فىنلاندىيە زىيارىتى جەريانىدا فىنلاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە فىنلاندىيە ئۇيغۇ ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى بىلەن فىنلاندىيە تۈرك دىن ۋە مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ جەمئىيەت مەسئۇللىرى بىلەن مۇھىم سۆھبەتتە بولدى.
فىنلاندىيە زىيارىتىنى تۈگەتكەن ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ۋەكىللىرى 07- سىنتەبىر جۈمە كۈنى شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمغا يېتىپ كەلدى.
شىۋېتسىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 07- سىنتەبىر جۈمە كۈنى كەچتە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىركىكىنىڭ ۋەكىللىرىگە زىياپەت بەردە.
مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ۋەكىللىرى ئەتە 08- سىنتەبىر شەنبە كۈنى سائەت 12:00 دە، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى