ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 07.09.2018 08:06:15 يوللانغان تارىخ: 07.09.2018 08:06:15 0 5286

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بەش كىشىلىك بىر ھەيئەت شىۋېتسىيىگە يېتىپ كەلدى

شاھيار خۇتبىسىدا، ئاللاھنى بىر دەپ تونۇغاندىن كېيىن بارلىق ئىبادەتلەرنى ئاللاھقا ساداقەتلىك بىلەن قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا خۇتبىسىنى داۋاملاشتۇردى

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بەش كىشىلىك بىر ھەيئەت شىۋېتسىيىگە يېتىپ كەلدى 
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدا ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ پەتىۋا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا، مالىيە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى نىزامىدىن تەمكىنى، مۇئاۋىن رەئىس ۋە گىرمانىيە ۋەكىلى تۇرغۇنجان ئالاۋدۇن، مۇئاۋىن رەئىس ۋە شۇنداقلار فىنلاندىيە ۋەكىلى دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى قاتارلىق بەش كىشىلىك بىر ھەيئەت بۈگۈن 07- سىنتەبىر جۈمە كۈنى ئەتىگەن شىۋېتسىيىگە يېتىپ كەلدى. مېھمانلار ھاردۇق چېيى ئىچكەندىن كېيىن سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىگە بېرىپ شىۋېتسىيىدىكى جامامەت بىلەن بىرگە جۈمە نامىزىنى ئوقۇدى.
بۈگۈنكى جۈمە خۇتبىسىنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ (ئاللاھقا ساداقەت بۇلۇش) توغرىسىدا خۇتبە سۆزلىدى.
شاھيار خۇتبىسىدا، ئاللاھنى بىر دەپ تونۇغاندىن كېيىن بارلىق ئىبادەتلەرنى ئاللاھقا ساداقەتلىك بىلەن قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا خۇتبىسىنى داۋاملاشتۇردى.
مەلۇم بۇلۇشىچە: شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتى، 2018- يىلى 09- ئاينىڭ 05- كۈنىدىن 09- ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە بولۇپ، بۇ ئارلىقتا ياۋروپادا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىكەن. زىيارەتنىڭ تۇنجى بېكىتىنى فىنلاندىيىدىن باشلىغان بولۇپ، 09- ئاينىڭ 05- كۈنى فىنلاندىيىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار فىنلاندىيە زىيارىتى جەريانىدا فىنلاندىيەنىڭ ھىلسىنكى شەھىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن فىنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۇچراشقان. ئۈچرىشىش جەريانىدا ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ھەيئەتلىرى فىنلاندىيىدىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرىگە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرغان. كىيىن رەئىس دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار ۋەتەن ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش بىلەن بىرگە، مىللى ۋە دىنىي مەۋجۇدىيىتىمىزنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن دىنى تەلىم-تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىش، شۇنداقلا ئانا تىلغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا سۆز قىلغان.
مەلۇم بۇلۇشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولغان شىۋېتسىيىدە، 2018- يىلى 08- سىنتەبىر شەنبە كۈنى سائەت 12:00 دە، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن ئۇچرىشىش سۆھبىتى ئېلىپ بارىدىكەن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى