شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ھەيئىتىنى كۈتۈۋېلىش سۆھبىتىگە چاقىرىق | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

ئۇچۇرلار

يېڭىلانغان تارىخ: 05.09.2018 13:57:43 يوللانغان تارىخ: 05.09.2018 13:57:43 0 15732

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ھەيئىتىنى كۈتۈۋېلىش سۆھبىتىگە چاقىرىق

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان مۇسىبەت دەرت ئەلەملەرنى بىرگە ئورتاقلىش ئۈچۈن

‏شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ھەيئىتىنى كۈتۈۋېلىش سۆھبىتىگە چاقىرىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار! ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرى سەۋەبىلىك چەتئەللەرگە چىقىپ ياشاۋاتقان دىنىي ئالىملىرىمىزنىڭ بىر يەرگە جەم بۇلۇپ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنى قۇرغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز.
مەزكۇر ئۆلىمالار بىرلىكىدىكى ھەيئەتلەرنى بەزىلىرىمىز بىۋاستە تونۇغان بولساق، يەنە بەزىلىرىمىز ۋاستىلىق تونۇدۇق، يەنە بەزىلىرىمىز ئىنتىرنېت تورلاردا ئاڭلىغان بولدۇق. بىز يىراقتىن تونۇغان ۋەياكى ئىنتىرنېت ئارقىلىق يۈزىنى كۆرگەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان مۇسىبەت دەرت ئەلەملەرنى بىرگە ئورتاقلىش ئۈچۈن ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى، تۈركىيە مارمارا ئۈنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدا بەش كىشىلىك ھەيئەتلەر 2018- يىلى 07- سىنتەبىر جۈمە كۈنى شىۋېتسىيىگە يېتىپ كەلمەكچى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى 08- سىنتەبىر شەنبە كۈنى سائەت 12:00 دە، سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىدە ئۇچرىشىش سۆھبىتىگە تەكلىپ قىلىمىز.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئۇچرىشىش سۆھبىتىگە ئەر- ئاياللارنىڭ بىرلىكتە كېلىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش