ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 01.09.2018 04:01:19 يوللانغان تارىخ: 01.09.2018 04:01:19 0 6583

ب د ت، بىر مىليون ئۇيغۇرنى قويۇپ بەر دېدى

خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي تۇتۇلۇپ جازا لاگېرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەم

ب د ت، بىر مىليون ئۇيغۇرنى قويۇپ بەر دېدى

تۈركىيىنىڭ قانال 7 تېلېۋىزىيىسىنىڭ تور بېتىدە تۈنۈگۈنكى ئېلان قىلىنغان خەۋىرىدە، شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي تۇتۇلۇپ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئالاقىدار خەۋەرلەرگە ئاساسەن بايانات بەرگەن خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (ئەمنېستىي) ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈزىتىش تەشكىلاتىلىرى، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي تۇتۇلۇپ جازا لاگېرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ «تېررورىزىمغا قارشى» نامىدا لاگېرلىرلاردا مەجبۇرىي تۇتۇلۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر توغرىسىدا ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇ كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى ئىرقى ئايرىمچىلىقىنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ مەلۇماتىغا كۆرە، بىخەتەرلىك تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ چوڭ بىر لاگېرىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر راپورت (مەلۇمات) تا، خىتاي قانونلىرىدىكى تېرور ۋە ئايرىمچىلىققا ئالاقىدار ئىنكاسى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلۈپ، بېيجىڭنىڭ بۇ كىشىلەرنى ھېچقانداق جىنايەت ئارتماستىن ۋە سوتلىماستىن لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇشنى ئاخىرىلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.

مەزكۇر كومىتېت، بۇ شەكىلدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى، تۇتقۇنلارنىڭ سانى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇشنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ب د ت خىتاينىڭ بەلگىلىك ھالەتتە ئىرقى ۋە دىنى ئېتىقادنى نىشان قىلغانلىقىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش باشلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا چاقىرىق قىلغان.

 

تۇتقۇنلارغا خىتاي جۇمھۇر رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرماقتا

بۇ ھەقتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (ئەمنېستىي) ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۈزىتىش تەشكىلاتى بىرلىكتە بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا، قارا قويۇق تۇتقۇن قىلىنغان بۇ كىشىلەرگە لاگېرلاردا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ قارا قويۇق تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ توغرىسىدا ھېچقانداق جىنايىتى بولمىغان ھالەتتە ئۇزۇن مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بايراقلىرىنى چىقىرىشقا مەجبۇرىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قۇرۇلتاي يەنە، بۇ كىشىلەرگە يېتەرلىك تاماق بەرمەيۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا لاگېرلاردا تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى بىلمىگەن تۇتقۇنلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئادۇكات تۇتۇش ھەققىنىڭمۇ يوقلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

ب د ت نىڭ دوكىلاتى، خىتاينىڭ باشقا رايونلاردىمۇ دىنغا ئائىت قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ يوقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان.

خىتاينىڭ شىمالىدىكى نىڭشىيا رايونىدا يۈزلەرچە مۇسۇلمانلار مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشىنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.

مەلۇماتتا، خىتايدا 23 مىليون مۇسۇلمان ياشايدىغانلىقىنى، جەنۇبتىكى تىبەتكە ئوخشاش ئاپتونۇم رايونىغا ئوخشاش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا نوپۇسىنىڭ يۈزدە 45 پىرسەنتىنى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئىگەللەيدۇ، دېيىلگەن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى