ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 01.09.2018 05:09:22 يوللانغان تارىخ: 28.08.2018 10:26:44 0 11144

جازا لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك يۈرۈشىگە سىزمۇ قېتىلىڭ

ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابى ئالدىدا 2 – قېتىملىق «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. پۇتۇن ۋەتەنداشلىرىمىزنى ئۇمۇمىيۇزلۇك سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن ياۋرۇپادىكى

2018- يىلى 8-ئاينىڭ 10-13- كۈنلىرى، ب د ت ئېرقىي ئايرىمچىلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كومىتىتى خىتاينى جاۋاپكارلىققا تارتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى قۇياشتىنمۇ روشەن بولغان پاكىتلارنى رەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرى مەۋجۇت ئەمەسلىگىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ب د ت ۋە دۇنيا مەتبۇئاتىنى ھەيران قالدۇردى ۋە ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇردى. بۇ ئەھۋال شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئالدىمىزدا يەنىمۇ خەتەرلىك ۋە زور بالايى – ئاپەتلەرنىڭ كۈتىۋاتقانلىقىدىن ئوچۇق بىشارەت بەرمەكتە. ۋەزىيەت ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنى تېخىمۇ جىددى ئويلىشىشقا ۋە جىددى ھەركەت قىلىشقا تەقەززا قىلىدۇ. ئالدىمىزدا ب د ت نىڭ ۋە خەلقئ‍ارانىڭ دىققەت ئىتىبارىنى تارتىش، 3 مىليون ئىنسانىمىزنىڭ ئىز- دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر پۇرسەت كۈتۈپ تۇرماقتا.

2018 – يىلى 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ب د ت دا «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئومۇمىي يۈزلۈك كۆزدىن كۆچۈرۈش» يىغىنى باشلىنىدۇ. يىغىنغا ب د ت غا ئەزا 200 گە يېقىن دۆلەتنىڭ دېپلوماتلىرى، يۈزلىگەن خەلقئ‍ارالىق تەشكىلاتلار ۋە خەلقئ‍ارا مەتبۇئاتلارنىڭ مۇخبىرلىرى قاتنىشىدۇ. بۇ يىغىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى يەنە بىرقېتىم نامايەن قىلىشنىڭ ئىنتايىن ياخشى پۇرسىتىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ب د ت دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ تۈرلىك چارە – تەدبىرلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردى ۋە 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابى ئالدىدا 2 – قېتىملىق «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. پۇتۇن ۋەتەنداشلىرىمىزنى ئۇمۇمىيۇزلۇك سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن ياۋرۇپادىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان «نامايىش تەييارلىق كومىتىتى» قۇرۇپ چىقتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچىنى ئاساس قىلغان بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن شوئار ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۈيۈك نامايىشنى گېرمانىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، شىۋىتسارىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، بېلگىيە ۋە فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەت ۋەكىللىرى ھەمدە سىياسىي ئاكتىپلار بىرلىكتە تەشكىللەيدۇ. بۇ نامايىشقا ياۋرۇپادىكى تۈرك ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر، ئۇيغۇر داۋاسىغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان ياۋرۇپالىق دوستلارمۇ كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىنىدۇ.


كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى