ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 28.08.2018 10:11:31 يوللانغان تارىخ: 28.08.2018 09:44:34 0 5638

شىۋېتسىيىدە 80 مىڭ مۇشتىرى بار ژۇرنالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى

يېقىندا شىۋېتسىيە مۇخبىرلىرىغا ۋەتەندە ئورۇق تۇغقانلىرى تۈرمىدە ۋە جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 7 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن

شىۋېتسىيىدە 80 مىڭ مۇشتىرى بار ژۇرنالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى (ئەمنېستىي) نىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسىنىڭ 80 مىڭ مۇشتىرىلىق (AmnestyPress) ژۇرنالىدا، تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركىزى) نامىدىكى جازا لاگېرى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ۋە شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان تەھدىتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ 8 بەتلىك كەڭ كۆلەملىك ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مەزكۇر ژۇرنالدا يېقىندا شىۋېتسىيە مۇخبىرلىرىغا ۋەتەندە ئورۇق تۇغقانلىرى تۈرمىدە ۋە جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 7 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.

بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى بىرقانچە كۈن ئىچىدە شىۋېتسىيە ۋە چەتئەللەرنىڭ بىرقانچە نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىمۇ مەزكۇر ماقالە ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك خەۋەر چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى