ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 24.08.2018 13:17:17 يوللانغان تارىخ: 24.08.2018 13:17:17 0 6805

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىمىنىلا ئەمەس ھەتتا دۇكانلارنىڭ ئىسىمىنىمۇ ئۆزگەرتمەكتە

باقى ھاجى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دىڭقاش دورىگەرلىكى نامىدىكى دۇرىخانىنىڭ ۋېۋىسكىدىكى (ھاجى) دېگەن ئىسىمنى ئۆچۈرۈۋەتكەن

‏خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىمىنىلا ئەمەس ھەتتا دۇكانلارنىڭ ئىسىمىنىمۇ ئۆزگەرتمەكتە
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سۆرەتلىك ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئاچقان دۇكانلىرىنىڭ ئىسىمى يېزىلغان تاختىلاردىكى ئىسلامى تۈس ئالغان ئىسىملارنى ئۆچۈرۋەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
مەزكۇر رەسىمدە، باقى ھاجى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دىڭقاش دورىگەرلىكى نامىدىكى دۇرىخانىنىڭ ۋېۋىسكىدىكى (ھاجى) دېگەن ئىسىمنى ئۆچۈرۈۋەتكەن ئىكەن.
ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىسلامىي كېيىنىشنى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى چەكلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە قۇرئان كەرىم، دىنىي كىتابلار، ئەسلامىي رەسىملەر ۋە جايناماز قاتارلىقلارنى يىغىۋېلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام تۈس ئالغان ئىسىملارنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق چەكلىمىلەرنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئىدى.
يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دىندىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرقىسىم مەسچىتلەرنىڭ كىرىش ئىشىكلىرىنىڭ ئۈستىدىكى شاھادەك كەلىمىلىرىنى ئېلىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان بولسا، ئەمدىلىكتە دۇكانلارنىڭ ۋېۋىسكىسىدىكى دىنغا ئالاقىدار خەتلەرنى ئېلىۋىتىشقا باشلىغان.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى