ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 22.08.2018 08:43:07 يوللانغان تارىخ: 22.08.2018 08:43:07 0 6995

شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئۆي- ئۆيگە بېرىپ ھېيت پەتىسى قىلدى

ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نىيىتىنىڭ سەمىمىيلىكىدىن ئاسماندىن بىر قوچقار چۈشۈرۈپ قۇربانلىق قىلدۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قۇربانلىق بولسا قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئاللاھقا بولغان سەمىمىيەتلىكىنى بىلدۈرىدىغان ۋە ئاللاھ يولىدا

شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئۆي- ئۆيگە بېرىپ ھېيت پەتىسى قىلدى

ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارغا يىلدا روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن ئىبارەت ئىككى ھېيتنى بەلگىلەپ بەرگەن بولۇپ، بۇ يىللىق قۇربان ھېيت 21- ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ كۈن سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ بىردەكلىكى بىلەن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ قەلبى يارا ھالەتتە بۇ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار، قىلىۋاتقان تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىگە جەم بولۇپ بۇ يىللىق قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى. بۇ يىللىق قۇربان ھېيت ئىش كۈنىگە توغرا كەلگەن بولسىمۇ، كۆپۈنچە ئۇيغۇرلار ئىش ئورۇنلىرىدىن ۋاقىتلىق ۋە ۋاقىتسىز رۇخسەت سوراپ ھېيت نامىزىنى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىرگە ئوقۇپ بەزىلىرى ئىشىنى داۋاملاشتۇردى.

ھېيت نامىزىدىن كېيىن خۇتبىگە چىققان سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇم، قۇربانلىق توغرىسىدا سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇ خۇتبىسىدا، قۇربانلىق قىلىشقا قادىر بولغانلار قۇربانلىق قىلىشىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى، چۈنكى قۇربانلىق قىلىش ئاللاھقا بولغان سەمىمىيەتلىكىنى ئىسپاتلاشتۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا چۈشىدە ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلىش توغرىسىدا قەلبىگە سالغان، ئەمما ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مېنىڭ بۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىي دەپ بىلىپ، بۇنىڭغا ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئۆز ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىشقا نىيەت قىلغانلىقىنى، كېيىن ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نىيىتىنىڭ سەمىمىيلىكىدىن ئاسماندىن بىر قوچقار چۈشۈرۈپ قۇربانلىق قىلدۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قۇربانلىق بولسا قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئاللاھقا بولغان سەمىمىيەتلىكىنى بىلدۈرىدىغان ۋە ئاللاھ يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان بىر ئىبادەتتۇر، دېدى.

ئۆمەر مەخسۇم خۇتبىنىڭ ئاخىردا، ۋەتەندە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن شېھىت بولغان، تۈرمىلەردە بىگۇناھ يېتىۋاتقان، خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدا تۇتۇلۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، قۇربان ھېيتنىمۇ خاتىرجەم ئۆتكۈزەلمەيۋاتقان، ئۆز- ئارا ھېيتلىق سالاملىشالمايۋاتقان، بىر- بىرىنىڭ ئۆيىگە ھېيت پەتىسى قىلالمايۋاتقان قېرىنداشلار ئۈچۈن ئاللاھدىن ياردەم تىلەش بىلەن بىرگە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنى تېزلەشتۈرۈپ بېرىشنى جانابى ئاللاھدىن تىلەپ قىلغان دۇئاسى بىلەن خۇتبىنى ئاخىرىلاشتۇردى.

ناماز خۇتبىسىدىن كېيىن جامائەتلەر بىر- بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ ئۆز- ئارا قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەشتى. كېيىن جامائەتلەر ئۆي- ئۆيگە بېرىپ ھېيت پەتىسى قىلىپ، بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى