ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

ئىلمىي ماقالىلار

يېڭىلانغان تارىخ: 20.08.2018 08:49:58 يوللانغان تارىخ: 20.08.2018 08:49:58 0 6746

ئاھ ۋەتەنسىزلىك، ۋەتەنسىزگە ھېيىت بولمايدىكەن

بۇ رەھىمسىز دۇنيانىڭ دادامغا ئىچ ئاغىرتماي قوينىدىن چىقىرىپ بىزدىن ئايرىغىنىغا يىغلىدىم

‏ئاھ ۋەتەنسىزلىك، ۋەتەنسىزگە ھېيىت بولمايدىكەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيىتىڭلارغد مۇبارەك بولسۇن.

كىچىك ۋاقىتلىرىمنى ئەسلىگىنىمدە ھەر يىلى روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىت يېتىپ كېلىشتىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن ۋاي ھېيىت كېلىدۇ، ھېيىتقان مانچە، مانچە، مانچە كۈن قالدى دەپ ھەركۈنى ھېيىتنىڭ كېلىدىغان كۈنىنى سانىغىنىم ھېلىھەم ئېسىمدە. بەلكىم باشقىلارمۇ ماڭا ئوخشاش شۇنداق قىلدى دەپ ئويلايمەن. شۇ ھېيىتقا ساناقلىق كۈنلەر قالغاندا ئاتا- ئانام ھېيىتتا كېيىڭ دەپ ئېلىپ بەرگەن كىيىملەرگە قانچە قېتىم قارىغىنىمنى ساناپ بولالمايتتىم. ھېيىت كەلگەندىن كېيىن دادام بىلەن ھېيىت نامىزىغا بارغىنىمدا جامائەت ئارىسىدا ئولتۇرۇپ دۇئا قىلغىنىمدا خۇددى ئۆزەمنى شۇ يۇرت چوڭلىرىدەك ھېس قىلىپ بالىلارچە قىلىقلارنى يۇشۇرۇشقا تىرىشاتتىم. خولۇم خوشنىلار مېنى كۆرۈپ ئەركىلىتىپ ھېيىتلىق بېرىشى، نامازدىن يېنىپ تۇپراق بېشىغا بېرىپ ئىلگىرى بىزدىن ئايرىلغان ئورۇق تۇغقانلارنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ رۇھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ۋە ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھدىن تىلەپ دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتقىنىمىزدا ئاپام ۋە مەندىن چوڭ قېرىنداشلىرىمنىڭ مەڭزىلىرىمگە سۈيۈپ تۇرۇپ ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن دەپ ھېيىتىمنى تەبرىكلەپ ھېيىتلىق بەرگەن ۋاقىتلىرىنى ئەسلىگىنىمدە كۆزلىرىم ئىسسىق ياشلار بىلەن نەملىشىدۇ. شۇ كۈنلەرنى ئەسلىگەنچە يىل ئايلارنى سانىغىنىمدا ئۆزەمنىڭ يېشىمنىڭ بىر يەرلەرگە بارغىنىنى، مەن كىچىك ۋاقتىمدا ھېيىت نامىزىغا بارغۇدەك ياشقا كەلگىچە دادامنىڭ نامازدىن تىزىرەك قايتىپ كېلىشىنى ۋە ماڭا ھېيىتلىق بېرىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتەتتىم. ئايلار ئۆتۈپ، يىللار ئۆتۈپ مانا مەنمۇ دادا بولدۇم. ھەر ھېيىت كەلگەندە مېنىڭ بالىلىرىمنىڭ دادام قاچان بىزگە ھېيىتلىق بېرەركىن دەپ مېنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرغىنىنى كۆرگىنىمدە مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە شۇ جاپاكەش ئاتا- ئانام ۋە مېھرىبان قېرىنداشلىرىمنى ئەسلىتىدۇ.
مەن 15 ياشقا كىرگىنىمدە دادام كېسەل سەۋەبى بىلەن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقىنىدا مېنى يۆلەپ تۇرغان تاغدىن ئايرىلغاندەك بولدۇم. بۇ رەھىمسىز دۇنيانىڭ دادامغا ئىچ ئاغىرتماي قوينىدىن چىقىرىپ بىزدىن ئايرىغىنىغا يىغلىدىم، قاقشىدىم، ئەمما قايتىپ كەلمىدى. چوڭلار كېلىپ بولدى سەبىر قىلىڭ، تەقدىرگە تەن بېرىڭ دېگەندىن كېيىن قانداقتۇر يىغام بىراز پەسەيگەندەك بولدى. چۈنكى بىز ياكى باشقىلار ھەربىر مۇسىبەتلەرگە يولۇققاندا سەبىر قىلىڭ، تەقدىرگە تەن بېرىڭ دېگەن گەپلەرنى پات- پات ئاڭلاپ تۇرغان بولغاچقىمىكىن تەقدىرنىڭ گېپىنى ئاڭلىغىنىمدا بەلكىم تەقدىر مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دەپ بىلدىم. چۈنكى مەن ئۇ ۋاقىتتا تەقدىر توغرىسىدا ئاڭلىغان بولساممۇ تەقدىرنىڭ نېمىلىكىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتىم.شۇنداق قىلىپ ئۇ تەقدىر دادامنى بىزدىن ئايرىدى. مېھرىبان ئاپام شۇنىڭدىن كېيىن بىزگە ھەم ئاپا، ھەم دادا بۇلۇپ بىزنىڭ ھالىمىزدىن خەۋەر ئالدى. كۈنلەر ئۆتۈپ يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەۋھىد، ئىسلام، ئىمان، تەقدىر دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن تونۇشۇپ چىققىنىمدا ھەرقانداق بىر جانلىقلارنىڭ يارىتىلىپ كېيىن ئۆلۈپ كېتىش بولسا ئىمانسىزلارنىڭ پەلسەپىسى بۇيىچە ئېيتقان تەبىئەتنىڭ قانۇنى ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ تەقدىردىن ئىبارەت قانۇنى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكىنىمدە دادامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ۋاقىتتا چوڭلارنىڭ ماڭا ۋە قېرىنداشلىرىمغا تەسەللىي بېرىپ تەقدىرگە تەن بېرىڭ، تەقدىرگە قارشى چىقماڭ دېگەن گېپىنى چۈشەنگەن بولدۇم. كۈنلەر ئۆتۈپ ھەق ناھەقنى ئايرىغىدەك بۇلۇپ ھەق يولىدا ماڭىمىز دېگەن ۋاقتىمدا ئەلۋەتتە يولۇمنى توسىدىغانلار چىقتى ۋە توسۇشقا ئورۇنۇپ ھەدىسە ئاللاقانداقتۇر بولمىغۇر باھانىلەر بىلەن بىرقانچە كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش ئۆيلىرىنى يوقلاپ تۇرغىنىمدا ھەم ئانا ھەم دادا بولغان سۈيۈملۈك ئاپام بىر ئاماللارنى قىلىپ پۇل خەجلەپ شۇ نىجىس خىتاي غالچىلىرىنىڭ مېنى سېتىۋېلىپ كېپىللىككە ئېلىپ چىققان ۋاقىتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيمەن. تاجاۋۇزچى خىتاي ئالۋاستىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا دوپپىسىنى ئېلىپ كەل دېسە بېشىنى كۆتۈرۈپ كېلىدىغان نامى ئۇيغۇر ماڭقۇرتلارنىڭ تۈگىمەس باھانىلىرى تۈپەيلى مېنى شۇ خىتاي غالچىلىرىنىڭ باھانىلىرىدىن قۇتقۇزۇشقا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان تەقدىر بۇ قېتىم ھايات ھالەتتە مېنى مېھرىبان ئاپامدىن، كۈيۈمچان قېرىنداشلىرىمدىن ئايرىدى. بۇنىڭغىمۇ ھېچ نارازى بولمىدىم. چۈنكى مەن ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ نەدە ۋە قانداق ياشايدىغانلىقىدىن ئىبارەت قانۇنىيىتىنى بېكىتىۋەتكەنلىكىنى ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىدىن بىلگەن ئىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ تەقدىرىم مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دەپ قوبۇل قىلدىم.
مەن 2004- يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرىدا مېھرىبان ئاپام ۋە كۈيۈمچان قېرىنداشلىرىم بىلەن ئۆز رازىلىقلىرىمىزنى بېرىشىپ ئايرىلدۇق. مەن ئەنە شۇ ۋەتەندىن ئايرىلغان كۈندىن تارتىپ ماڭا ھېيىت بولمىدى. مەن چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ۋەتەندىكى ئاپام ۋە قېرىنداشلىرىمغا ھەر ھېيىت كەلگەندە ھەر بىرىگە ئايرىم- ئايرىم تېلېفۇن قىلىپ ھېيىتلىق سالاملارنى يوللىشىپ مۇڭداشقان بولساقمۇ ئىلگىرىكىدەك ھېيىت نامىزىدىن كېيىن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ ھېيىتلىق نازۇ نىئمەتلەرگە ئېغىز تېگىش، ئورۇق تۇغقانلارنىڭكىگە بېرىپ ھېيىت پەتىسى قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى گۇياكى بىر چۈشتەك بىلىنىدىغان بولدى. ھېيىت نامىزىنى بىرگە ئوقۇش، ھېيىتلىق تائاملاردىن بىرگە ئېغىز تېگەلمىسەكمۇ ھەر ھېيىتتا تېلېفۇن قىلغىنىمدا ھەم دادا ھەم ئاپا بۇلۇپ بىزنىڭ بوينىمىزنى قىسماي يېتىمسىزلەندۈرمىگەن، ھېيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن دەپ ھېيىتىمنى تەبرىكلىگەن ئاپامنىڭ
2012- يىلى مارت ئېيى يەنى ئاپام بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقانغا قەدەر داۋاملاشقان بولدى. شۇ يىلىدىن باشلاپ ماڭا ھېيىتلىق بېرىدىغان ھەم دادام ھەم ئاپام يوق ئىدى. ھېيىت كۈنلىرى باشقا قېرىنداشلىرىم بىلەن ھېيىتلىق سالاملاشقان بولساقمۇ يەنىلا بىزنىڭ تۈۋرىكىمىز بولغان دادىمىز، بىزگە ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان مېھرىبان ئاپىمىز يوق ئىدى. ھەممىمىزنىڭ قەلبىمىز يارا بولسىمۇ بىر- بىرىمىزگە تەسەللىي بېرىشەتتۇق.
تەقدىر، تەقدىر ئاھ تەقدىر! بۇ دۇنيادا بارى يوقى مەندىن پەقەت ئىككى ياش چوڭ بىر تاللا ئاكام بار ئىدى. ئۇ 2015- يىلىغا كەلگەندە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 100 كۈنلۈك تازىلاش تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ شامىلىغا يولۇقۇپ ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ سوتلانغان بولۇپ، ئاڭلىشىمچە خىتاي سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا، (ئايالىنىڭ يۈزىنى ياپقانلىقى ئۈچۈن 7 يىل، ئۆزىنىڭ باللىرىغا قۇرئان ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن 5 يىل، جەمئى 12 يىل) لىق تۈرمىگە مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا يۈرىكىم لەختە- لەختە بولدى، قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن 2015- يىلى سېنتەبىر ئايلىرىدىن باشلاپ مېنىڭ باشقا قېرىنداشلىرىم بىلەن تېلېفۇنلىشى ۋە باشقا قانداقلا ئالاقە ۋاستىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىم چەكلەندى. مانا شۇنداق قىلىپ مېنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىم بىلەن ئالاقە قىلىپ باقمىغىلى توپ توغرا ئۈچ يىل بولدى. بۇ ئۈچ يىل جەريانى باشقا تۇغقانلاردىن كىم ئۆلۈپ كىمنىڭ ھاياتتا ئىكەنلىكىدىن ھېچ خەۋىرىم يوق. 2017- يىلىنىڭ ياز ۋاقىتلىرى بولسا كېرەك باشقا بىرسى ئارقىلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىشىنى ئېيتقىنىمدا بىر مەزگىلدىن كېيىن مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئاچامنى خىتايلار يىغىۋېلىشقا ئېلىپ كەتكىنىگە تۆت ئاي بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. 2018- يىلى ئەتىيازدا ئۇ كۈيۈمچان، ھەر ھېيىتتا مەڭزىمگە سۈيۈپ تۇرۇپ ماڭا ھېيىتلىق بېرىدىغان كۈيۈمچان ئاچامنىڭ يەتتە يىللىق تۈرمىگە مەھكۈم بولغىنىنى ئاڭلىدىم. ئەمما ئۇنەڭدىن باشقا يەنە ئۈچ ئاچىلىرىمنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ ئۇلار ھاياتمۇ ياكى بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتىمۇ؟ ھايات بولسا نەدە؟ بۇلاردىن ھېچقانداق خەۋىرىم يوق.
ھەريىلى ھېيىت كۈنلىرىدە بالىلىرىمنىڭ مەندىن ھېيىتلىق كۈتۈپ تۇرغىنىدا مېنىڭمۇ شۇنداق ۋاقىتلىرىمنىڭ بولغانلىقىنى ئەسلىسەممۇ ئىچىمدىن چىقىرىپ بۇ خۇشال كۈنلەرنى قايغۇغا ئايلاندۇرغۇم كەلمەي ئىچىمگە يۇتۇپ كەلگەن ئىدىم. ئىنسان ئاجىز بولغاچقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن. بۇ قېتىم مەن ھەقىقەتەنمۇ سەبىر قىلالمىدىم ۋە ئىچىمدىكىنى چىقىرىپ بىرئاز بولسىمۇ يىنىكلەشنى توغرا تاپتىم. بۇخىل قىسمەتكە يولۇقمىغان پەقەت مەنلا بولمىسام كېرەك.
قىساسكار يىگىت 2018- يىلى 20- ئاۋغۇست دۈشەنبە

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى