ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 17.08.2018 15:35:49 يوللانغان تارىخ: 17.08.2018 15:32:23 0 7004

خىتاي ھېيىتگاھ مەسچىتىنىڭ كىرىش ئىشىكىنىڭ ئۈستىدىكى تاختاينى ئېلىۋەتكەن

خىتاي بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قوزغاپ باستۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

‏خىتاي ھېيىتگاھ مەسچىتىنىڭ كىرىش ئىشىكىنىڭ ئۈستىدىكى تاختاينى ئېلىۋەتكەن
ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆيدە ساقلانغان قۇرئان كەرىم، ئۇيغۇرچە دىنىي كىتابلار، جايناماز، دىنىي رەسىملەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسلامىي تۈس ئالغان نەرسىلەرنى يىغىۋېلىش، ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە، مەسچىتلەرنى تاقاش، چېقىۋېتىش ۋە مەسچىتكە كىرىش ئىشىكلىرىدىكى ئايەت يېزىلغان تاختايلارنى ئېلىۋېتىشتەك ئىنسانىي جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىغا رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلماقتا.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا قەشقەر ھېيىتگاھىغا ئائىت بىر رەسىم تارقالغان بولۇپ، ئۇ رەسىمدە كۆرۈنۈشىچە ھېيىتگاھ مەسچىتكە كىرىش ئىشىكىنىڭ ئۈستىگە ئېسىلغان ئايەت يېزىلغان تاختاي ئېلىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا. مەزكۇر قەشقەر ھېيىتگاھ مەسچىتىنىڭ كىرىش ئىشىكىنىڭ ئۈستىدىكى ئايەت يېزىلغان تاختاينىڭ قاچان ئېلىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
ئالدىنقى ئايدا ئۈرۈمچىدىكى چوڭ مەسچىت (بەيتۇل مەئمۇر) نىڭ سىرتىدىن كىرىش چوڭ ئىشىكىنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان شاھادەت كەلىمىسىنى ئېلىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر تارقالغان ئىدى. بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستاندىكى قەدىمىي مەسچىتلەردىن قەشقەر ھېيىتگاھ مەسچىتىنىڭ كىرىش ئىشىكى ئۈستىدىكى تاختىنىڭ ئېلىۋېتىلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن تاپقان يەنە بىر رەزىل پىلانى بولۇپ، خىتاي بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قوزغاپ باستۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى