ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 13.08.2018 07:21:22 يوللانغان تارىخ: 13.08.2018 07:21:22 0 7681

خىتاي ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ب د ت دا يالغانچىلىقىنى داۋاملاشتۇردى

ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گەي مۇك دوگال خانىم، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ نەق مەيداندىلا مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى خاتامۇ؟ مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىسپاتلار يالغانمۇ

‏خىتاي ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ب د ت دا يالغانچىلىقىنى داۋاملاشتۇردى

ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش مەركىزىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئەدلىيە مىنىستېرىدىن سۆز قىلغان خىتاي ۋەكىلى، شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرى يوق دەپ ئىنكار قىلغان. خىتاي ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسمىلاتسىيە قىلىش، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى قارا قويۇق تۇتقۇن قىلىپ ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركەز) لىرىگە قاماش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئۇنداق ئىشنىڭ يوقلىقىنى پەقەتلا تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە تېرورلۇققا چېتىلىپ قالغانلارنى تۇتۇش ئىشلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنى قارا قويۇق تۇتقۇن قىلغان ئىشلارنىڭ يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كېيىن ئامېرىكا نىيۇ يۇرك ئۈنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسورى ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گەي مۇك دوگال خانىم، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ نەق مەيداندىلا مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى خاتامۇ؟ مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىسپاتلار يالغانمۇ؟ دېگەن سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي ئۆزىنىڭكىنى راستقا چىقىرىش ئۈچۈن مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس تەربىيلەپ ئېلىپ كەلگەن تىببىي ئۈنىۋېرتستېتىدا دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرگەن پروفېسسور قەيسەر ئابدۇكېرىمنى شەرقىي تۈركىستاندىكى تەربىيلەش مەركىزى (نازى كامپىلىرى) توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگۈزگەن بولۇپ، قەيسەر ئابدۇكېرىم گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ئۇنداق بىر جازا لاگېرلىرى (كامپىلار) نىڭ يوقلىقىنى، ۋەزىيەت ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇلۇۋاتقان زۇلۇملارنى ئىنكار قىلغان.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى