ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 11.08.2018 20:47:26 يوللانغان تارىخ: 11.08.2018 20:47:26 0 5433

شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار كىرزىسنى ھەل قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

بىرقىسىم ئۇيغۇرلار تەتىپىدىن تارقىلىۋاتقان پىتنە پاساتلار سەۋەبىلىك ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان جېدەل ماجىرالارنىڭ

‏شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار كىرزىسنى ھەل قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

شىۋېتسىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، 2018- يىلى 10- ئاۋغۇست كۈنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كىرزىسنى ھەل قىلىش توغرىسىدا يىغىن چاقىرغان بولۇپ، يىغىن ستوكھولمنىڭ رىسنەدىكى سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن شىۋېتسىيە ۋاقتى كەچ سائەت 19:00 دىن 21:00 گىچە ئېلىپ بېرىلدى.
مەزكۇر يىغىن ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قارا قويۇق تۇتقۇن قىلىپ جازا لاگېرلىرىغا قاماش ئارقىلىق ھەرخىل بېسىملار بىلەن قىينىغانلىقى سەۋەبىلىك دەردلەر بىلەن تولغان قەلىبلەرنى بوشىتىش ۋە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كىرزىسنى ھەل قىلىش توغرىسىدا چاي سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلدى.
يىغىن ئالدى بىلەن سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئارقىدىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن، جەمئىيەتنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، شىۋېتسىيە ئاخبارات ئورۇنلىرى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلار بىلەن يېقىندىن ئالاقە ئورنۇتۇپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرقىسىم مۇھىم پائالىيەتلەردە بۇلۇنغانلىقىنى ئاڭلاتتى.
كېيىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى مۇھاجىرەتتىكى بىرقىسىم ئۇيغۇرلار تەتىپىدىن تارقىلىۋاتقان پىتنە پاساتلار سەۋەبىلىك ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان جېدەل ماجىرالارنىڭ شىۋېتسىيىگە يېتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىش ھەرىكەتلەردە ھۇشىيار بۇلۇش قاتارلىق بەزى مۇھىم پىكىرلەرنى بايان قىلدى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى