ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 09.08.2018 09:32:40 يوللانغان تارىخ: 09.08.2018 09:32:40 0 9277

خىتاي ھاكىمىيىتى مېھمانخانىلارغىمۇ پارتلاشقا قارشى خادىم تۇرغۇزغان

خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن مېھمانخانا ۋە شۇنىڭدەك ئورۇنلاردا پارتىلاش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ پارتلاشقا قارشى كىيىم كىيىپ

خىتاي ھاكىمىيىتى مېھمانخانىلارغىمۇ پارتلاشقا قارشى خادىم تۇرغۇزغان

ئىشغالچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئاشقۇن سىياسەتلىرىنىڭ كۈنسايىن يوقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئېشىپ بارماقتا. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇميۈزلۈك ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى، مېھمانخانىلارغىمۇ پارتلاشقا قارشى خادىم تۇرغۇزۇشقا سەۋەب بولماقتا.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر تورلىرىدا تاقالغان ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن مېھمانخانا ۋە شۇنىڭدەك ئورۇنلاردا پارتىلاش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ پارتلاشقا قارشى كىيىم كىيىپ، پارتلاشقا قارشى تۇرىدىكەن.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىلىنىڭ مابەينىدە ئۇيغۇرلارغا ھەتتاكى ئۆز خەلقىگىمۇ قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇپ، خىتاي خەلقى ئۆزىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ناھەقچىلىقلەرگە قارشى نارازىلىق نامايىشلار كۈچەيمەكتە. مەسىلىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن خىتاي ھاكىمىيىتى، مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن بىخەتەرلىكنى قوغداش خادىملىرى، كۆزىتىش ئەسۋابلىرى قاتارلىقلاردىن سېرىت يەنە ۋاقىتسىز پارتىلاشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشى ئۈچۈن پارتلاشقا قارشى ئالاھىدە خادىم تۇرغۇزغان.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى