ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 07.08.2018 07:43:47 يوللانغان تارىخ: 07.08.2018 07:43:47 0 6294

روسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قىزى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى

ۆزنىڭ خىتايغا قارىش نامايشلارغا قاتناشمىغانلىقىنى، خىتايغا قارشى ھېچقانداق ئىش قىلماي سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىراق ئۆزنىڭ بۇ خىل سۈكۈت قىلىشىنىڭ پايدىسى بولمىغانلىقىنى، ئاتا- ئانىسنىڭ لاگېردىن چىقالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

روسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قىزى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى
7- ئاۋغۇست روسىيىدە ياشاۋاتقان ئايپەرى ئىسملىك قىز ڧەييىسبوتا ئۆزىنىڭ بىر ئائىلە كىشلىرى ئاتالمىش « تەربىيىلەش لاگېرى»غا قامالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى
قىز ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگىرلىرىغا قامىلىۋاتقانلىقىنى خەلقئاراغا ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاشكارا ھالدا دادىسى مەمەت، ئاپىسى ھاۋاخان، قېين ئىنىسى ئابدۇلھېكىم قاتارلىق بىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ ئاتالمىش« تەربىيىلەش لاگېرى» غا قامالغىنىغا ئالتە ئاي بولغانلىقنى، . ئالتە ئايدىن بىرى ئائىلىسىدە قالغان سىڭلىسى ئاتا- ئانىسى بىلەن ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى قېتىم يانڧوندا پاراڭلىشىدىغانلىقىنى، ئۆزنىڭ باشقا تۇغقانلىرىنىڭ ئاتا- ئانسى بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشكە روخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى، ئۆزنىڭ تۇغقانلىرى« تەربىيىلەش لاگېرى» غا سولانغانلار ئىچىدە ئەھۋالى ئەڭ ياخشىلاردىن ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزنىڭ خىتايغا قارىش نامايشلارغا قاتناشمىغانلىقىنى، خىتايغا قارشى ھېچقانداق ئىش قىلماي سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىراق ئۆزنىڭ بۇ خىل سۈكۈت قىلىشىنىڭ پايدىسى بولمىغانلىقىنى، ئاتا- ئانىسنىڭ لاگېردىن چىقالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. قەيسەر قىز يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن ئائىلىدە قىزنىڭ چوڭى ئائىلەمگە، ئاتا- ئانامغا ئىگە بولمىسام بولمايدۇ. خەلقئاراغا ئاتا- ئانام ۋە قېين ئىنىمنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان ئاتالمىش« تەبىيىلەش لاگېرى»دا ئىكەنلىكگە گۇۋاھلىق بىرىمەن»
ھەممىمىز ئۆز ئائىلىمىز ۋە دوست بۇرادەر ،تونۇش بىلىشلەردىن لاگىرىغا قامالغان ياكى ئىز دېرەكسىز يوقالغان ھەتتاكى ئائىلىمىز بىلەن ئالاقىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بىرىش پەيتى كەلدى. چۈنكى خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان كەمسىتىش ۋە قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە ئىسپات توپلاشقا باشلىدى.

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرەلەيسىز

https://www.facebook.com/100004914734379/posts/1029687383871743/

مەنبەسى: ئىستىقلال خەۋەر تورى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى