ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 07.08.2018 07:08:31 يوللانغان تارىخ: 07.08.2018 07:08:31 0 6253

ئۇيغۇر- خىتاينىڭ توي قىلىشتا ئۇيغۇرغا مەجبۇرىي خىتايغا مۇكاپات

خىتاي ھاكىمىيىتى خىتايلارنى ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلسا مۇكاپاتلايدىغانلىقى توغرىسىدا خىتاي تور بەتلىرىدىمۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

ئۇيغۇر- خىتاينىڭ توي قىلىشتا ئۇيغۇرغا مەجبۇرىي خىتايغا مۇكاپات

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش سىياسىتىدە، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن مەجبۇرىي توي قىلىش ئارقىلىق ئىككى مىللەتنىڭ ئىناق- ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىپ خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىش بىلەن خىتايغا مۇكاپات بېرىشنى يولغا قويۇپ ئىككى مىللەتنى بىر- بىرى بىلەن توي قىلىشقا قىستىماقتا.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە بېسىم قىلىپ قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا قىستىغانلىقى، توي قىلىشقا ئۇنىمىغان ياكى قارشىلىق قىلغانلارنى تۈرمىگە سولاۋاتقانلىقى، بىز ئويلىنىپ باقايلى دەپ دەرھال ماقۇل دېمىگەنلەرنى ئەگەر ماقۇل دېمىسە تۈرمىگە سولايدىغان ۋە ھەرخىل چارىلەرنى قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلغان خىتايلارنى بولسا پۇل بىلەن مۇكاپاتلاپ خىتايلارنى ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاي ھاكىمىيىتى خىتايلارنى ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلسا مۇكاپاتلايدىغانلىقى توغرىسىدا خىتاي تور بەتلىرىدىمۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسىتىدە ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى خىتايلارغا يەمچۈك قىلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر سىياسىتىدە ئاتالمىش قوشماق تۇغقان باھانىسىدا خىتايلارنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر قىزلىرىنى مەجبۇرىي خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن توي قىلىشقا قىستاش قاتارلىق ئاشقۇن سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ خەلقئارادا ئىنسانىي جىنايەتلەرنى سادىر قىلىپ كەلمەكتە.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى