ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 27.07.2018 11:06:03 يوللانغان تارىخ: 27.07.2018 11:06:03 0 7365

شىۋېتسىيىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ئىككى ھەپتىدىن بېرى داۋاملىشىۋاتماقتا

شىۋېتسىيىدە ياشايدىغان ھەرمىللەت مۇسۇلمانلىرى، ئالدىنقى جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ يامغۇر تىلەپ دۇئا قىلدى

شىۋېتسىيىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ئىككى ھەپتىدىن بېرى داۋاملىشىۋاتماقتا

شىۋېتسىيىدە ئىككى ھەپتىدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپىتى، شىۋېتسىيىنى ساراسىمىگە سالماقتا. ياز ھاۋاسىنىڭ ئىسسىقلىق دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئاشقان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن شىۋېتسىيىنىڭ ئورمانلىقىغا ئوت كەتكەن بولۇپ، ئوت ئاپىتى ئىككى ھەپتىدىن بېرى داۋاملاشماقتا. شىۋېتسىيىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، يالقۇنلاپ تۇتاشقان بۇ ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلغان.

مۇسۇلمانلار ئوت ئۆچۈرۈش ئۈچۈن يامغۇر تىلەپ دۇئا قىلدى

شىۋېتسىيىدە چىققان كۈچلۈك ئوتنىڭ ئۇلغىيىشى بىلەن شىۋېتسىيىدە ياشايدىغان ھەرمىللەت مۇسۇلمانلىرى، ئالدىنقى جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ يامغۇر تىلەپ دۇئا قىلدى، نەتىجىدە شۇ جۈمە كۈنى ستوكھولمنىڭ بەزى رايۇنلىرىدا ھاۋا بىراز سوۋۇپ ئازراق يامغۇر ياغقان.

ئوت يېقىپ كاۋاپ پىشۇرۇش چەكلەندى

شىۋېتسىيىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن ھەرقايسى شەھەر رايونلاردىكى ئورمانغا يېقىن ئەتراپلىرىدا كىشىلەرنىڭ ئوت يېقىپ كاۋاپ پىشۇرۇش چەكلەنگەن. بەزى كىشىلەر ئوت يېقىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە رىئايە قىلماي ستوكھولمنىڭ براندبېرگ رايونىدا ئوت يېقىپ كاۋاپ پىشۇرغان. كىشىلەرنىڭ ئوت يېقىپ كاۋاپ پىشۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا دېلو تاپشۇرۇۋالغان ساقچىلار، كاۋاپ پىشۇرغانلارنى توسۇش ئۈچۈن ئوت يېقىلغان مەيدانغا كېلىپ كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ دېلو تۇرغۇزغان. يېرىم سائەتتىن كېيىن قايتىپ ماشىنىسىنىڭ قېشىغا كەلگىنىدە، بەزى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ساقچى ماشىنىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ساقچى ماشىنىسىنى تاشلار بىلەن ئۇرۇپ ماشىنىنىڭ ئەينەكلىرىنى چېقىۋەتكەن.

ئوت ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيىدىن ياردەم

شىۋېتسىيەدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان تۈركىيىنىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەمرى يۇنت ئەپەندى، شىۋېتسىيىدە ئىككى ھەپتىدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ياردەمگە ھەر زامان تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، شىۋېتسىيە تۈركىيىنىڭ بۇ ئالىيجانابلىقىدىن مەمنۇن بولغان ھەمدە تۈركىيىگە ئالاھىدە رەخمەت ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيىدىن ئوت ئۆچۈرۈشكە ياردەمگە كېلىدىغان بىر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئايروپىلان، يەكشەنبە كۈنى شىۋېتسىيىگە يېتىپ كېلىدىكەن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى