ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 27.07.2018 09:22:24 يوللانغان تارىخ: 27.07.2018 09:22:24 0 8022

خىتاي، ئۇيغۇرلارنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ قەبرىسىگە تازىم قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا

ئۇيغۇرلارنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ قەبرىلىرىنى مەجبۇرىي زىيارەت قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ قەبرىسىگە تازىم قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

خىتاي، ئۇيغۇرلارنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ قەبرىسىگە تازىم قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىسىدا بىر پارچە رەسىم تارقالغان بولۇپ، رەسىمدە بىرقانچە ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىگە قاراپ تازىم قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە ئىشغالچى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ قەبرىلىرىنى مەجبۇرىي زىيارەت قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ قەبرىسىگە تازىم قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاشقۇن سىياسەتلىرى، ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا- تىلىنى چەكلەش، ئۇيغۇرلارنى قارا- قويۇق ئاتالمىش تەربىيىلەش باھانىسىدا تۈرمىلەرگە سولاپ كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈپ مېڭە يۇيۇش، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇش، ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇتماسلىق، توي قىلغانلارنى نىكاھ قىلدۇرماسلىق، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتايچە كىيىندۈرۈپ خىتاينىڭ سەنئىتىنى قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنى كوممۇنىزم بۇيىچە تەربىيىلەش قاتارلىق رەزىل سىياسەتلىرى بىلەن زۇلۇم قىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدۇرۇپ مەجبۇرىي ھالدا قەبرىگە قاراپ تازىم قىلدۇرماقتا.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى