ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 27.07.2018 08:21:20 يوللانغان تارىخ: 27.07.2018 08:21:20 0 8988

خىتاي تۈركىيىگە قەرز بېرىپ ئاغزىنى ئەتمەكچى

خىتاي تۈركىيىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە قاتناش ساھەسى سېلىنمىلىرىغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن خۇسۇسىي ساھە، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە بانكىلارغا 3 مىليارد 600 مىليو دوللار

خىتاي تۈركىيىگە قەرز بېرىپ ئاغزىنى ئەتمەكچى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، خىتاي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئېنېرگىيە ۋە قاتناش ساھەسى سېلىنمىلىرىغا 3.6 مىليارد دوللار قەرز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىگە كۆرە: ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە قاتناش ساھەسىنىڭ تەرەققىيات قىلىشىغا 3 مىليارد 600 مىليو دوللارلىق قەرز ئىشلىرىنىڭ تاماملانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، خىتاي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئېنېرگىيە ۋە قاتناش ساھەسى سېلىنمىلىرىغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن خۇسۇسىي ساھە، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە بانكىلارغا بېرىلىدىغان 3 مىليارد 600 مىليو دوللارلىق قەرز پىلانىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىر بەرات ئالبايراق، بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىسى تىۋىتتېر ھېساۋى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ مۇنداق دېگەن، ماي ئېيىدا خىتايغا قىلغان زىيارىتىمىزدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ مېۋىسىنى بەردى، خىتاي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە قاتناش ساھەسى سېلىنمىلىرىغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن خۇسۇسىي ساھە، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە بانكىلارغا بېرىدىغان 3 مىليارد 600 مىليو دوللارلىق قەرز پىلانىنىڭ تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەمگىكى سىڭگەن بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن، خەيرلىك بولسۇن!» دېدى.

تۋىتتېردا بەزى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بەرات ئالبايراقنىڭ مەزكۇر ئۇچۇرىغا ئىنكاس بېرىپ مۇنداق دېگەن: ياخشى قىلىپسىز، ئەمما تېررورىست خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئۇنۇتماڭ. تۈركلەردە بىر ئاتا سۆزى بار. تۈلكىدىن دوست چىقماس، چىقسا پوست چىقار. بىز ئۇيغۇرلاردا خىتايدىن دوست چىقماس، چىقسا پوست چىقار دېگەننى ئوخشىتىش قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي- تۈركىيە ئىككى دۆلەت دېپلۇماتىيە جەھەتتە بىر- بىرى بىلەن ئىنتايىن يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىنلىشىشى نەتىجىسىدە خىتاي تۈركىيىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە قاتناش ساھەسى سېلىنمىلىرىغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن خۇسۇسىي ساھە، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە بانكىلارغا 3 مىليارد 600 مىليو دوللار قەرز بېرىش پىلانىنىڭ ھەرگىزمۇ تاساددىبىيلىق بولماستىن بەلكى خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈزىگە بىر تۇزىقى بۇلۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر يەنە: ھېيلىگەر خىتاي ھاكىمىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيادا پاكىستان باشچىلىقىدا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە بىرقىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىگە ئىقتىسادى قەرز بېرىش ۋە بىرقىسىم ياردەملەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ سىزىقىدىن چىقماس قىلىپ قويغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇ دۆلەتلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، قاچانكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خىتاي بىلەن يېقىن بولغاندىن بۇيان تۈركىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تەرەققىي قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىرەر ئىتنىڭ ئازىگالغا چۈشۈپ كەتسە توختىماي خەۋەر بېرىدىغان تۈركىيە ئاخباراتلىرىنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا شۇنچە ئېغىر زۇلۇملار بولۇنسىمۇ كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ مەلۇم جەھەتتە خىتاينىڭ تۈركىيىگە بېسىم قىلغان بۇلۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى