ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

ئۇيغۇر پائالىيەتلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 26.07.2018 08:21:20 يوللانغان تارىخ: 26.07.2018 08:21:20 0 8855

10- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنى خۇلاسە دوكىلاتى

ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تەشكىلات رەھبەرلىرى يېپىق يىغىنىدا، تۆۋەندىكى ئاساسلىق نۇقتىلاردا پىكىر بىرلىكىگە كەلدى

10- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنى خۇلاسە دوكىلاتى
10- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2018- يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى يەكشەنبە ئىستانبۇل ۋەتەن جاددىسى «ئەلى ئەمىرى كۈلتۈر مەركىزى» دە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى باش مەسلەھەتچىسى ئەھمەد سەلىم ئەپەندىم ۋە تۈركىيە دىنى ئىشلار باشقارمىسى رەئىس ۋەكېلى مۇسا بىلگىچ ئەپەندىملەرگە ئوخشاش مۇھىم شەخىسلەر، تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى 20 دىن ئارتۇق تەشكىلات رەھبەرلىرى، دىنى ئالىملار، زىيالىلار ۋە يۇرت مۆتىۋەرلىرىنىڭ قېتىلىشى بىلەن داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىئىيتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 10- نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنننىڭ بۇ يىلىقى ئانا تېمىسى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» بولۇپ، 7- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 26 – كۈنىگىچە بەيلىك دۈزۈ رايۇنى كايا ئىستانبۇل كۆرگەزمە ۋە قۇرۇلتاي مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. 16 دۆلەتتىن كەلگەن شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى، تەتقىقاتچىلار، زىيالىيلار، دىنىي ئۆلىمالار، يۇرت مۆتىۋەرلىرى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەركىپ تاپقان 150 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان مەزكۇر يىغىندا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» دېگەن ئانا تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا تۆۋەندىكى تارماق تېمىلار ھەققىدە مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. مىللىي كىملىك ۋە مىللىي بىرلىك شەكىللەندۈرۈشتە ئالدى بىلەن سياسىي-ئىدىيە بىرلىكى شەكىللەندۈرۈش، ئورگان ۋە كوللېكىتىپ ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش ئىدىيەسى يېتىلدۈرۈش، شۇنداقلا مۇستەملىكنى تامامەن رەت قىلىدىغان مىللىي ئاڭنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
«شەرقىي تۈركسىتان داۋاسىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ياش ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش كومتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى» يەنە ، « شەرقىي تۈركسىتان مىللىي داۋاسىدىكى ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار ۋە ھەمكارلىق » دېگەن تېمىلاردا مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلدى. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن ئۆز ئارا مۇرەسسە قىلىشىش ۋە كېلىشىش ھەمدە ئىلمىي يۇسۇندا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تەشكىلاتلار ئارا بىر بىرى بىلەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.
يىغىندا يەنە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەجبۇرىيىتى»، «خىتاينىڭ ئىستىراتېگىيە كېڭەيمىچىلىكى ۋە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى نوقتىنەزەردىن دۇنيا ۋەزىيىتىگە قاراش»، دېگەن تېمىلار ئۈستىدە ئورتاق مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قېلىش توغرىسىدا تەشكىلاتلارنىڭ چۈشەنچىلىرى ۋە پىلانلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. مەركىزىي ئىدىيە، روھىي ئويغىنىش ۋە ئۆزلۈك ئىسلاھاتىغا قاتتىق ئېھتىياچ بارلىقى تەكىتلەندى.
يىغىندا يەنە «شەرقىي تۈركسىتان مىللىي ئىقتىساد فوندىنىڭ تەسىس قىلىنىشى» دېگەن تېمىدا دوكىلات سۇنۇلغان بولۇپ، تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئورتاق قاراشلىرى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان داۋاسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركسىتان مىللىي فوندىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ناھايىتى زۆرۈر بولغانلىقى تەكىتلەنگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مىللىي فوندىنىڭ قۇرۇلۇش ئۈچۈن 13 ئەزادىن تەركىپ تاپقان تەييارلىق ھەيئىتى تەشكىللەندى.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ قېتىمقى يىغىندا شەرقىي تۈركسىتان خەلقى نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان پەۋقۇلئاددە قېيىن ئەھۋاللارغا قارىتا ھەل – چارە ۋە چىقىش يوللىرى مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىندى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى ئۆز ئارا ئۆتكۈزگەن يېپىق يىغىنىدا تۆۋەندىكىدەك دوستلۇق خىتاپنامىسى ئېلان قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دوستلۇق خىتاپنامىسى

10- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى « شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇرا» يىغىنىغا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تەشكىلات رەھبەرلىرى يېپىق يىغىنىدا، تۆۋەندىكى ئاساسلىق نۇقتىلاردا پىكىر بىرلىكىگە كەلدى.
ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقى، خەلقىمىزنىڭ خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلىشى يولىدا ئورتاق ھەرىكەت قىلىش، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ئېناقلىقنى كۈچەيتىپ، چوڭ-كىچىك زېددىيەتلەرگە يول قويماسلىق، بىرلىك باراۋەرلىكگە زېت كىېلىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇش. شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ھەر قانداق كۈچ ۋەياكى دۆلەتنى دۈشمەن دەپ قارىماسلىق. تەشكىلاتلار ۋە رەھبەرلەر بىر – بىرىگە قارشى ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا بولسۇن مەيلى مەتبۇئاتلاردا بولسۇن بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق پىتنە - ئېغۋاغا سەۋەبچى بولىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش. تەشكىلاتلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش بىلەن بىرۋاقىتتا، بىر- بىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاپ- قۇۋۋەتلەش. ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مىللىي مەنپەئەتنى بىرىنچى ئورۇندا قويغان ھالدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئۆز ئارا بىر بىرىنى ئېتىراپ قىلىش، ھۆرمەت قىلىش، كېڭىشىش ۋە ماسلىشىش.
شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرگە بىرلىكتە قارشى تورۇش. شەرقى تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرى ئارىسىدا قەرەللىك مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرىش، پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللاردا كېرىزىسلارنى ھەل قىلىش گورۇپپىلىرى تەشكىل قىلىش.
جانابىي ئاللاھ بۇ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا ئەجىر – ئەزىم ئاتا قىلغاي، بۇ يىغىندا ئېلىنغان قارارلارنى مەزلۇم شەرقىي تۈركسىتان خەلقىمىزنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشىغا ۋەسىلە قىلغاي. بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىمىزنى مۇۋاپىقىيەتلىك قىلغاي. غايە – مەقسەتلىرىمىزنى غەلبە – نۇسرەت بىلەن ئاياغلاشتۇرغاي، ئامىن.

مەنبەسى: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى (فېيسبۇك) 

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى