ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 26.07.2018 04:24:25 يوللانغان تارىخ: 26.07.2018 04:24:25 0 8097

خىتاي، مۇسۇلمانلارنى يوقىتىپ مۇسۇلمانلارغا ياردەم بەرمەكتە

خىتاي ئوتتۇرا شەرىقتە ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان ئەرەب دۆلەتلىرىگە 20 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز بېرىدىغانلىقىنى

‏خىتاي، مۇسۇلمانلارنى يوقىتىپ مۇسۇلمانلارغا ياردەم بەرمەكتە

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن ھەركۈنى يېڭى سىياسەتلەر يۈرگۈزۈپ ئۇيغۇرلارنى ئوخشىمىغان ناملار بىلەن باستۇرۇپ كەلمەكتە. ئىشغالچى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، مۇسۇلمانلارغا ئىككى خىل سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقان بولۇپ، بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار. يەنە بېرى خەلقئارادىكى باشقا ھەرمىللەت مۇسۇلمانلىرى.

خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى يوقىتىپ مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىش خىيالى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش بىلەن خىتايلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى خەلقئارا مۇسۇلمانلاردىن يۇشۇرۇش ئۈچۈن، بىرقانچە يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىچكى ۋە تاشقى ئويۇنلار سەۋەبلىك ئورۇشتا خارابىيلىققا ئايلانغان ئوتتۇرا شەرقتىكى بىرقىسىم ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن دۆلەتنى قايتىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىساد ياردەم قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
راتېرسدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئوتتۇرا شەرىقتىكى ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان ئەرەب دۆلەتلىرىگە 20 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز بېرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن سېرت يەنە، 106 مىليارد دوللارنى ئىئانە قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىدا دېيىلىشىچە يەنە: خىتاينىڭ بۇ پۇللارنى ئوتتۇرا شەرىقتە ئۇرۇشدا ۋەيران بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن دۆلەتنى ئەكسىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يول ياساش، قۇرۇلۇش ياساش، تۆمۈر يولى ياساش قاتارلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياردەم قىلىش ئارقىلىق خىتاي ئوتتۇرا شەرىق ۋە خەلقئارادىكى مۇسۇلمانلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ نام ئابرويىنى قوغداش بىلەن بىرگە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ياخشىچاق بولۇپ ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە. خىتاي تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بىر خىل سىياسەت يۈرگۈزسە، خەلقئارادىكى مۇسۇلمانلارغا باشقا سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە ئۇچىراتقىلى بولمايدىغان زۇلۇملارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ھېچبىر ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىماي كەلمەكتە.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى