ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 26.07.2018 03:26:12 يوللانغان تارىخ: 26.07.2018 03:26:12 0 9065

خىتاي (نوغاي مەسچىتى) نىڭ كىرىش ئىشىكىنىڭ ئۈستىدىكى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېلىۋەتكەن

خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن ھەرقانداق بىر ئىسلام دىنىغا ئائىت نەرسىلەرنىڭ

‏خىتاي (نوغاي مەسچىتى) نىڭ كىرىش ئىشىكىنىڭ ئۈستىدىكى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېلىۋەتكەن

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش، دىنىي ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە مىللىي روھىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىپ ئۇيغۇرلارنى قاراقويۇق تۇتقۇن قىلىپ تەربىيلەش مەركىزى نامىدا مېڭە يۇيۇش سىياسىتىنى كەڭ دائىرىدە داۋاملاشتۇرماقتا.
بىزگە كەلگەن مەلۇماتقا كۆرە: خىتاي ھاكىمىيىتى يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى بەيتۇل مەئمۇر ئەسكىدىكى (نوغاي مەسچىتى) نىڭ سىرتىدىن كىرىش ئېغىزىدىكى ئىشىكىنىڭ ئۈستىدىكى ئەرەبچە يېزىلغان (لاالەاللە مۇھەممەدۇررەسۇلۇللاھ) دېگەن شاھادەت كەلىمىسىنى سۆكۈۋېتىپ قۇرۇق تاختاينى قويۇپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇماتتا: مەزكۇر سۆكۈۋېتىش خىزمىتىنىڭ قاچان ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئۇچۇردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن ھەرقانداق بىر ئىسلام دىنىغا ئائىت نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى يوقىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئىلگىرى مەزكۇر مەسچىدتە ئىبادەت قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىشى بىلەن، ئۈرۈمچىدە مۇسۇلمانلارنىڭ بىردىن بىر ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇنغا ئايلانغان ئىدى. كېيىن مەسچىت ھەيئەتلىرىنىڭ بۇ مەسچىتنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇننى كېڭەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بۇ تىرىشچانلىقلار ئەمەلگە ئاشمىغان ھەتتا مەسچىتنىڭ كېڭەيتىلىشى ئۈچۈن كۆپ قېتىم قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلگەن ئىدى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىر پۈتۈن دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە ساقلاۋاتقان ئۇيغۇرچە دىنىي كىتاب ھەتتا جاينامازلارنىمۇ يىغىۋالغان بولۇپ، ھەتتا يان تېلېفۇنلىرىدا ئىسلام دىنىغا ئائىت يازما ۋەياكى رەسىملەر چىقىپ قالسىمۇ جازالاش ئارقىلىق باشقا ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالماقتا.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى