ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 23.07.2018 09:29:54 يوللانغان تارىخ: 23.07.2018 09:29:54 0 4477

خىتاي ھاكىمىيىتى خوتەندە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتماقتا

ئوغۇللارغا خىتاينىڭ قىزىل ئارمىيىسىنىڭ كىيىمى، قىزلارغا خىتاينىڭ مىللىي چاڭچىلە سەنئەتچىلىرىنىڭ كىيىملىرى كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، رەسىمدىن مەلۇم بولۇشىچە

خىتاي ھاكىمىيىتى خوتەندە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتماقتا

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىسى ئارقىلىق كەلگەن مەلۇماتتا، ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خوتەندە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتكە دائىر بىرقانچە رەسىم تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ئۇ رەسىملەردە ئۇيغۇر پەرزەنتلەردىن ئوغۇللارغا خىتاينىڭ قىزىل ئارمىيىسىنىڭ كىيىمى، قىزلارغا خىتاينىڭ مىللىي چاڭچىلە سەنئەتچىلىرىنىڭ كىيىملىرى كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، رەسىمدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى مەزكۇر بالىلارنى خىتايچە ئۇسۇل ئويناش ۋە ناخشا ئېيتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

كەلگەن مەلۇماتقا كۆرە: ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيىسىنىڭ سەنشىيا كەنتىدىكى يەسلىيلەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنى ئاتالمىش كۆڭۈل ئېچىش نامىدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئىشغالچىلىرى يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى شەھەر يېزىلىرىدا ئاتالمىش (مەدەنىيەت سەنئەت) پائالىيىتى نامىدا ئۇيغۇرلارنى يىغىپ ناخشا ئېيتىش، ئۇسۇل ئويناش، نوتۇق سۆزلەش، ئىتوت ئىشلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق خەلقىمىزنى راھەت قويمىغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈنىگە كەلگەندە ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركىزى) نامىدا تۈرمىلەرنى تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە بىر كىشىنى مەزكۇر تەربىيىلەش مەركىزىگە سولاپ مېڭىسىنى يۇيۇشقا تىرىشماقتا.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى