ئىسلام دۇنياسى

يېڭىلانغان تارىخ: 21.07.2018 07:45:19 يوللانغان تارىخ: 21.07.2018 07:32:20 0 2970

ئىستانبۇلدا 4- قېتىملىق« شەرقىي تۈركىىستان ئۆلىمالار بىرلىكى شۇرا يېغىنى» ئۆتكۈزۈلدى

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئالدىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە قۇرۇلۇش ۋە قۇرۇلمىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىدى. بۇندىن كېيىنكى خىزمىتىمىز ئاللاھ خالىسا ئەمەلى خىزمەت

ئىستانبۇلدا 4- قېتىملىق« شەرقىي تۈركىىستان ئۆلىمالار بىرلىكى شۇرا يېغىنى» ئۆتكۈزۈلدى
4- قېتىملىق شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى شۇرا يېغىنى 17- ئىيۇلدىن 19- ئىيۇلغىچە ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتائۇللاھ شاھيار، بىرلىك قۇرۇلغان ئىككى يېرىم يىل ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر ھەققىدە ئەزالارغا دوكلات بەردى.
ئۇ سۆزىدە: «بىرلىك قۇرۇلغاندىن بېرى نۇرغۇن توسالغۇلارغا، نۇرغۇن كىرزىسلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ ئاللاھنىڭ ياردىمى، بىرلىك رەھبەرلىكى ۋە بىرلىك ئەزالىرى ھەمدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ قۇرۇلمىنى مۇستەھكەملىگەنلىكىنى. ئۆلىمالار بىرلىكىدىكى تارماق گورۇپپىلار قۇرۇلما جەھەتتە كۆرۈنەرلىك تەجرىبىگە ئىگە بولغانلىقىنى، ئۆتكەن ئۈچ يىل ئىچىدە بىرلىكنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
شۇنداقلا بىرلىكنىڭ ھەر قايسى گۇرۇپپا مەسئۇللىرى ئۈچ يىل ئىچىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ دوكلات قىلىپ ئۆتتى.
18 -ئىيۇل كۈنى ئەتتىگەندە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى ۋە بىرلىكتىكى پۈتۈن خىزمەتتىكىلەر ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەمئىيەتلەر قانۇنى بويىچە يېڭى سايلام ئېلىپ بېرىش تەييارلىقىغا كىردى. چۈشتىن كېيىن دوكتۇر ئالىمجان بۇغدانىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئوچۇق سايلام ئېلىپ بېرىلدى. سايلامغا بىرلىك ئەزالىرىنىڭ ئاز ساندىكىلىرىدىن باشقا كۆپ ساندا ئەزالار ھازىر بولدى.
بىرىنچى قەدەمدە رەئسىلىككە بەش نامزات كۆرسىتىلدى. ئومۇمى سايلام نەتىجىسدە زور كۆپچىلىكنىڭ سايلىشى بىلەن دوكتور ئاتائۇللاھ شاھيار ئىككىنچى قېتىم شەرقىي تۈركىستان ئۆلىملار بىرلىكىنىڭ رەئسى ئالدىمىزدىكى 3 يىللىق رەئىسى بولۇپ سايلاندى.
ئىككىنچى قېتىم رەئس بولۇپ سايلانغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى ئاتائۇللاھ شاھيار بىرلىك ئىجرائىيە ھەيئەتلىرىنى ۋە بىرلىكنىڭ ھەرقايسى بۆلۈملىرىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان مەسئۇللارنى بېكىتتى.
ئاخىردا رەئىس ئاتائۇللاھ شاھيار ئۆزىنىڭ ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا ئەمەلىلەشتۈرمەكچى بولغان نىشان ۋە غايىلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئالدىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە قۇرۇلۇش ۋە قۇرۇلمىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىدى. بۇندىن كېيىنكى خىزمىتىمىز ئاللاھ خالىسا ئەمەلى خىزمەت بولىدۇ، بىرلىكىمىز ئاللاھ بىزگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشقا ئەڭ يۇقىرى كۈچ كۆرسىتىدۇ.
ئاخىردا يىغلىشقا قاتناشقان ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ ئۆزلىرىنىڭ بىرلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ھەمدە بىرلىكنىڭ كەلگۈسى خىزمەتلىرى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

مەنبەسى: ئىستىقال تورى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى