دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 13.07.2018 10:47:37 يوللانغان تارىخ: 13.07.2018 10:47:37 0 3997

شىۋېتسىيە باج ئىدارىسىدىن خىتاي پوچتىلىرىغا زەربە

شىۋېتسىيە پۇقرالىرىنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ يوقىرى سۈپىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايدىن كېلىدىغان ئەىلەت ماللارغا باج قويۇش ئارقىلىق خىتاي سودا كارخانلىرىغا

شىۋېتسىيە باج ئىدارىسىدىن خىتاي پوچتىلىرىغا زەربە

يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان شىۋېتسىيە پوچتىخانىسى خىتايدىن كەلگەن ھەرقانداق پوچتا خالتىسىدىن پوچتا ھەققى ئېلىشنى باشلىغان.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدە ئىنتىرنېت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىنتېرنېت ئارقىلىق خەۋەر كۆرۈش، كىنو كۆرۈش بىلەنلا چەكلەنمەستىن بەلكى سودا- سېتىق ئىشلىرىمىزمۇ ئاسانلاشتى. نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىنتېرنېت ئارقىلىق سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق. دۇكانغا بېرىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن باشقا دۇكان بىلەن تور دۇكىنىدىن ئالغان نەرسىلەرنىڭ باھاسىدىمۇ پەرقلىق. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ داڭلىق تور دۇكانلىرىدىن (ئالى بابا، ئالى ئېكىسپىرىس، ۋىش) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا (ئېباي) ۋە يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان تور دۇككانلىرى بار بولۇپ، بۇ تور دۇكانلىرىدىكى نەرسىلەر ياۋروپا بازارلىرىغا قارىغاندا باھا جەھەتتە نەچچە ھەسسە پەرقلىنىدىغان بولۇپ، شىۋېتسىيىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ مەزكۇر تور دۇكانلىرىدىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشقا ئومۇملاشقان بىر پەيتتە، شىۋېتسىيە باج ئىدارىسى بۇ يىل كىرگەندىن كېيىن بۇ خىلدىكى تىجارەتكە چەكلىمە قويغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە: ھەركۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن خىتايدىن شىۋېتسىيىگە كېلىدىغان خالتىنىڭ سانى 15 مىڭدىن كۆپ بولۇپ، ئۇ خالتىلارنىڭ كىچىكلىكى بىلەن بىرگە، نۇرغۇن خالتىلارنىڭ ئادرېستىكى خاتالىق سەۋەبىلىك، مال ئادرېسقا بېرىپ بولغۇچە ئىككى ھەپتىدىن بىر ئايغىچە شىۋېتسىيە پوچتا ئامبىرىدا ساقلىنىپ قالغاچقا، مەزكۇر خالتىلارنىڭ شىۋېتسىيىگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىدىن زىيىنى ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىلىك، شىۋېتسىيە باج ئىدارىسى خىتايدىن كېلىدىغان خالتىلاردىكى مالنىڭ قىممىتى 1500 كوروندىن تۆۋەن بولغاندا ئەڭ ئاز دېگەندە شىۋېتسىيە پۇلىدا 75 كورون ھەق ئېلىشنى قارار قىلغان.

مەسىلەن: سېتىۋالغان مالنىڭ تەنەرخى تەخمىنەن (5 كورون) بولسا، شىۋېتسىيىگە كەلگەندىن كېيىن شىۋېتسىيە باج ئىدارىسىگە تۆلەيدىغان (75 كورون بىلەن جەمئىي 80 كورون) بولغاندا، ئۇ ۋاقىتتا مەزكۇر مالنىڭ تەنەرخى شىۋېتسىيە بازىرىنىڭ باھاسىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. مەزكۇر خالتىنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى تەرەپ شىۋېتسىيە پوچتا ئىدارىسىنىڭ يوللىغان تالونىدىكى پۇلنى تۆلىگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇ خالتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىكەن. ئۇ پۇل تۆلەنمىگەندە مەزكۇر خالدا ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۆز جايىغا قايتىپ كېتىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر: شىۋېتسىيە باج ئىدارىسىنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان ئەخلەت مالغا باج قويمىغاندا، خىتايدىن كېلىدىغان ئەخلەت مالنىڭ شىۋېتسىيە پۇخرالىرىنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە، شىۋېتسىيە بازارلىرىغىمۇ كۆرۈنەرلىك تەسىر قىلىدىغانلىقىنى، شىۋېتسىيە باج ئىدارىسىنىڭ بۇ خىلدىكى قارارنى ئېلىش ئارقىلىق، شىۋېتسىيە پۇقرالىرىنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ يوقىرى سۈپىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايدىن كېلىدىغان ئەىلەت ماللارغا باج قويۇش ئارقىلىق خىتاي سودا كارخانلىرىغا ئاز بولسىمۇ ئىقتىسادى ئېمبارگۇ يۈرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى