ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 13.07.2018 10:03:20 يوللانغان تارىخ: 13.07.2018 10:03:20 0 4530

خىتاي سىياسىتى ئۇيغۇر خانىم - قىزلارنىڭ كاسىسىنى ياپقان كۆينەكلەرنى چەكلىمەكتە

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يالاقچىلىرى، كاسىسىنى ياپىدىغان كۆينەك كىيگەن خانىم- قىزلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ كۆينىكىنى كېسىشكە باشلىغان، بەزى رەسىملەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆينەك كىسىش پەقەت كوچىدا ئۇچرىغانلارنىلا

خىتاي سىياسىتى ئۇيغۇر خانىم - قىزلارنىڭ كاسىسىنى ياپقان كۆينەكلەرنى چەكلىمەكتە
13- ئىيۇل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان بىرقانچە پارچە رەسىم كەڭ تارقالغان بولۇپ، مەزكۇر رەسىملەردە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆينىكى كاسىسىنى ياپقان ئۇيغۇر خانىم قىزلارنىڭ كۆينەكلىرىنى كېسىشكە باشلىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە.

مەزكۇر رەسىمدىن مەلۇم بولۇشىچە: خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاشقۇن سىياسەتلىرى، بۇ قېتىم ئۇيغۇر خانىم- قىزلارنىڭ كاسىسىنى ياپىدىغان كۆينىكىنى نىشانغا ئالغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يالاقچىلىرى، كاسىسىنى ياپىدىغان كۆينەك كىيگەن خانىم- قىزلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ كۆينىكىنى كېسىشكە باشلىغان، بەزى رەسىملەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆينەك كىسىش پەقەت كوچىدا ئۇچرىغانلارنىلا ئەمەس بەلكى ئائىلىلەرگىچە بېرىپ كېسىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.
تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى، 2013- يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىنى نىشان قىلىپ، خانىم- قىزلارنىڭ ئۇزۇن پەلتۇ، ئۇزۇن كۆينەك كىيىشىنى چەكلەپ، تىزىدىن ئاشقان پەلتۇ ۋە كۆينەك كىيگەن خانىم- قىزلارنى كوچىلاردا توسۇپ جەرىمانە قۇيۇش بىلەن بىرگە، تىزدىن ئاشقان كۆينەك ۋە پەلتولارنى مەجبۇرى كېسىۋەتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر: ھېيلىگەر خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر خانىم- قىزلارنىڭ ئىسلامى تۈسىنى ئالغان كىيىملەرنى كىيىشنى چەكلەش، ئۇيغۇرلارنى ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن جازالاشنى داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ياسالما ھەيئەتلىرى چەتئەللەرنى ئايلىنىپ ئىسلام ئەللىرىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ بارلىقىنى، ھەر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ خالىغان دىندا ئىتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ خەلقئارانى ئالداشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، جازالاش ۋە يوقىتىشتا ھېچقانداق قانۇن تۈزۈم ۋەياكى توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى