تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 05.07.2018 17:11:41 يوللانغان تارىخ: 05.07.2018 17:11:41 0 3678

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار 05- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئونۇتمىدى

نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار، شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم تۈگىگەن تەقدىردىمۇ بىزنىڭ نارازلىقىمىز توختاپ قالمايدۇ، تاكى ئازاد بولغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ دېدى

ئىشغالچى قىزىل خىتاي 2009- يىلى 05- ئىيۇل شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ 9- يىلىغا قەدەم قويغان بولسىمۇ، مۇھاجىرەتتە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار، بۇ كۈننى ئونۇتمىدى ۋە زالىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزگەن دۆلەتلىك تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى.
مەزكۇر 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 - يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادا غەزەپكە تولغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ باردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پەخرى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكلىشىدە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئاقساراي ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.
نامايىشتا رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىكى شەھىدلەرنى ئەسلەش بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈن ماتەم تۇتۇۋاتقانلىقى ۋە قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەردە نامايىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كانادانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار كانادانىڭ ئوتوۋادىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلودا نامايىش ئۆتكۈزدى.
گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن دەنخاگ پارلامېنت بىناسى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
نامايىشقا قاتناشقان ياشلار پۈتۈنلەي ھەربىي كىيىملەرنى كىيگەن قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقلىرىمىزنى تۇتقان ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارىشىنى ئوقۇغان.
شۇنداقلا گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە قانداق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا گوللاندىيە پۇقراسى بولۇپ بولغان ئۇيغۇرلارغىمۇ ھەرخىل بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ بېسىمىنى ئەسلا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى ۋە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ يولسىزلىقلارغا قارشى ھەرىكەتكە چاقىردى.
فرانسىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار، فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژغا يىغىلىپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت پارىژدا نامايىش ئۆتكۈزگەن.
تۈركىيىنىڭ قەيسەرى ۋە ئىستانبۇل شەھەرلىرىدىمۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قەيسەرىيدىكى نامايىشىنى قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، قەيسەرى جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
نامايىشتا جەمئىيەت رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئاخبارات ئېلان قىلغان. ئۇ سۆزىدە: خىتاي رېجىمىنى نەپرەت بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيانىڭ بۇ قەتلىئامغا نىسبەتەن سۈكۈت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن بۈگۈن شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ 5 - ئىيۇلدىنمۇ قاتتىق قەتلىئامغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۈرۈمچى قەتلىئامىدا مىڭلارچە كىشى قەتلى قىلىنغان بولسا، بۈگۈن مىليونلارچە شەرقىي تۈركسىتانلىقنىڭ خىتاينىڭ نازى لاگىرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇلارغا دۇنيانىڭ سۈكۈتتە ۋە كۆرمەس بولۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا قاتناشقان تەشكىلات باشلىقلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2009- يىلى 05- ئىيۇل كۈنى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ بايانات ئېلان قىلغان ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا قارا گۈل چەمبىرەك قويۇلغان.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بۇندىن 9 يىل بۇرۇن ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار، شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم تۈگىگەن تەقدىردىمۇ بىزنىڭ نارازلىقىمىز توختاپ قالمايدۇ، تاكى ئازاد بولغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ دېدى.

تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى نامايىش

تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى نامايىش

نورۋېگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىدىكى نامايىش

فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى نامايىش

شىۋېتسىيىنىڭ ستوكھولم شەھىىدىكى نامايىش

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى