تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 05.07.2018 13:20:28 يوللانغان تارىخ: 05.07.2018 13:20:28 0 4086

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نامايىشچىلار يول بۇيى خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، بىزگە مۇستەقىللىق كېرەك، قاتىل خىتايلار، تېررورىست خىتايلار، شى جىنپىڭ تېررورىست دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ ماڭدى

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 2009- يىلى 05- ئىيۇل كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار، شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا، زالىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاشقۇن سىياسەتلىرى، ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركىزى نامىدىكى تۈرمىلىرىگە سولاپ جازالاۋاتقانلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى.

مەزكۇر نامايىشنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىش 2018- يىلى 05- ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى شىۋېتسىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دە، ستوكھولمنىڭ ئەڭ ئاۋات مەيدانلىرىدىن رائۇل ۋاللېنبېرگ تورگ ( Raoul Wallenberg torg ) مەيدانىدا باشلانغان بولۇپ، نامايىش باشلانغان مەزكۇر مەيداندا تەخمىنەن بىر سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، نامايىشتا، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن، تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى فارۇخ سادۇق، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق ۋە ياش ئۆسمۈرلەردىن كەۋسەر كۆرەش قاتارلىقلار ئۇيغۇرچە، شىۋېتچە ۋە ئېنگلىزچە تىللاردا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان رەزىل سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەپ باياناتلارنى ئوقۇپ ئۆتتى. نامايشقا قاتناشقان بىر گۇرۇپ ياشلار ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ھازىرلانغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى يولدىن ئۆتكەن ساياھەتچى ئاممىغا تارقاتتى.

كېيىن نامايىشچىلار قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا تاختىلارنى كۆتۈرۈپ ستوكھولمنىڭ چەتئەللىك ساياھەتچىلەر كۆپ يىغىلىدىغان دېڭىز يېنىدىكى يول ( Strandvägen ) بىلەن خىتاينىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا مېڭىپ باردى. نامايىشچىلار يول بۇيى خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، بىزگە مۇستەقىللىق كېرەك، قاتىل خىتايلار، تېررورىست خىتايلار، شى جىنپىڭ تېررورىست دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ ماڭدى.

نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا بارغاندىن كېيىن زالىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاشقۇن سىياسەتلىرىگە قارشى ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ ھەرخىل شوئارلارنى توۋلىدى. نامايىش جەريانىدا ئۆسمۈرلەردىن ئاتىللا ۋە مۇسلىمەلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارىشىنى دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن بىرگە، شىۋېت تىلىدا خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

كېيىن قازاقىستاندىن شىۋېتسىيىگە زىيارەتكە كەلگەن بىر خانىم، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2009- يىلى 05- ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى ئاكتىپ بولۇشقا، ئويغىنىشقا چاقىردى.

نامايىش ئاخىرىدا نامايىشچىلار خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى يەرگە تاشلاپ دەسسەپ توپىغا مىلىۋەتكەندىن كېيىن ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. كېيىن سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ دۇئا قىلىشى نامايىش ئاخىرلاشتى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى