ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 21.06.2018 01:56:49 يوللانغان تارىخ: 21.06.2018 01:56:49 0 8023

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرىنىڭ بىر ئۇيغۇر بالىمىزغا يازغان جاۋاپ خېتى

بىز بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى خەلقنىڭ مائارىپ ۋە تەربىيىلىنىش ھوقۇقى، دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقۇقى ۋە ئەركىن بېرىش-كېلىش قىلىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنىڭ

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرىنىڭ بىر ئۇيغۇر بالىمىزغا يازغان جاۋاپ خېتى

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى قارا- قۇيۇق تۇتقۇن قىلىش، يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇش، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇش، تۇتقۇن قىلىپ تەھدىت سېلىش قاتارلىق رەزىل قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئاشقۇن سىياسەتلىرىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان كۈنلەردە، شىۋېتسىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى، شىۋېتسىيە پارلامېنتى ۋە شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ خەت يوللاش بىلەن بىرگە، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى 8 پارتىيىدىن 349 پارلامېنت ئەزالىرىغا پوچتا ئارقىلىق خەت يوللاش سەپەرۋەرلىكى قىلغان ئىدى. نەتىجىدە 349 پارلامېنت ئەزالىرىغا تەخمىنەن 1000 غا يېقىن خەت يوللانغان بولۇپ، بۇ جەريانىدا شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىكىدىن بىر يىگىتكە جاۋاپ كەلگەن. شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن كەلگەن جاۋاپ خەت تۆۋەندىكىچە:

سالام ئارسلان، سىزنىڭ باش مىنىستىرغا ئاتالمىش (شىنجاڭ) رايونىنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق يازغان خېتىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. خېتىڭىز مېنىڭ قاراپ چىقىشىمغا تاپشۇرۇلدى. چۈنكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە چېتىشلىق بولغان مەسىلىلەرگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇل بولىدۇ. سىزگە ئوخشاش كىچىك ئۆسمۈر بالىلارنىڭ سىياسەتچىلەرگە بىۋاستە خەت يازغىنىنى كۆرۈپ ناھايىتى مەمنۇن بولدۇق. سىزنىڭ شىنجاڭدا ياشاۋاتقان خەلقىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز ناھايىتى توغرا ۋە ياخشى بىر ئىش دەپ ئويلايمەن.

شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى يەنى مەن خىزمەت قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە ناھايىتى جىددىي مۇئامىلە قىلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ رايوندا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ يېتەرلىك بولماي كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى بار. شىۋېتسىيىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ۋە ئۇ يەردىكى بىر قىسىم ئورگانلىرىمىزنىڭ قەرەللىك تۈردە شىنجاڭ رايونىدىكى ئەھۋاللارنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن ئەگىشىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىمىز. بىز بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى خەلقنىڭ مائارىپ ۋە تەربىيىلىنىش ھوقۇقى، دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقۇقى ۋە ئەركىن بېرىش-كېلىش قىلىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش مەسىلىسىنى نازارەت قىلىمىز.

مەسىلەن، بىز ئۇ يەردە كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى تۈپەيلىدىن ئېغىر جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. ئۇندىن باشقا بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر مەكتەپتە ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشتە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، بىزچە بۇ ناھايىتى ناچار بىر قىلمىش.

شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ياشاۋاتقان خەلققە ياردەم قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمىتىمىز بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىمىز ئارقىلىق خىتاي جەمئىيىتىدىكى ۋەكىللەر بىلەن ئۈزلۈكسىز تۈردە ئالاقىدە بوپ كېلىۋاتىدۇ. شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى يەنە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ۋە ياخشىلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى ئورگانلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ قوللاپ تۇرىدۇ. ھەتتا بىز بىر ئەزاسى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ خىتايدىكى، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىدۇ.

مەنمۇ سىزنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلەر ئەركىن بىر ھايات كەچۈرىشى كېرەك دېگەن قارىشىڭىزغا قوشۇلىمەن. ئاخىرىدا سىزنىڭ بۇ ئىشلارغا ئىشتىراك قىلغىنىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن.

ھۈرمەت بىلەن: مارگوت ۋالسترۆم

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى