ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 16.06.2018 11:24:28 يوللانغان تارىخ: 16.06.2018 10:57:51 0 4035

شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئۆي- ئۆيلەپ ھېيت پەتىسى قىلدى

شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، جۈملىدىن شىۋېتسىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ بۇ كۈندە، سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىدە، ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرلىكتە روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى

شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئۆي- ئۆيلەپ ھېيت پەتىسى قىلدى

ئىسلام دىنىمىزنىڭ مۇھىم پەرز ئىبادەتلىرىدىن بېرى بولغان رامزان ئېيىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇبارەك روزا ھېيتنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىردەكلىكى بىلەن 15- ئىيۇن جۈمە كۈنى دۇنيانىڭ كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار بىر تۇتاش ھېيت نامىزى ئوقىدى. بۇ قاتارىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، جۈملىدىن شىۋېتسىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ بۇ كۈندە، سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىدە، ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرلىكتە روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى.

روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ستوكھولم ئەتراپىدا ياشاۋاتقان تەخمىنەن 200 گە يېقىن شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىر يەرگە جەم بولۇپ روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى. ھېيت نامىزىدىن كېيىن سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ ھېيت نامىزى خۇتپىسى ئوقۇدى. خۇتپىدىن كېيىن جامائەت بىرلىكتە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پات يېقىندا ئازاد بۇلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. خۇتپىدىن كېيىن جامائەتلەر ئۆز- ئارا بىر- بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ ھېيتنى تەبرىكلەشتى. كېيىن جامائەتلەر گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئالدى بىلەن يېقىندا ۋەتەندە خىتاينىڭ يولغا قويۇۋاتقان غۇلجىدىكى ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركىزىدە شېھىت قىلىنغان دىنىي ئالىم ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىمنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئۆيىنى پەتىلەش بىلەن ئۆي- ئۆيلەرگە ھېيت پەتىسى قىلىش ئارقىلىق شىۋېتسىيىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر پەرزەنتلەرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيىتلاردا ئۆي- ئۆيگە بېرىپ پەتىلەشتىن ئىبارەت ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ئەمەلىيەت بىلەن كۆرسەتتى. ھېيت پەتىسى ئەتىگەن ھېيت نامىزىدىن كېيىن باشلىنىپ كېچە سائەت 23:00 گىچە داۋاملاشتى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى