تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 04.06.2018 02:33:24 يوللانغان تارىخ: 04.06.2018 02:29:09 0 5433

شىۋېتسىيىدە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن دۇئا كېچىسى ئۆتكۈزۈلدى

پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشىنى، زالىم خىتاينى بىرئاز بولسىمۇ بۇرۇن ئەقلىنى تېپىپ زۇلۇمنى توختىتىشىنى نېسىپ قىلىشىنى تىللىدى

شىۋېتسىيىدە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن دۇئا كېچىسى ئۆتكۈزۈلدى

شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىدە، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن دۇئا كېچىسى نامىدا ھەم ئىپتار ھەم دۇئا پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

مەزكۇر پائالىيەت ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بىردەك ماقۇللىشى بىلەن، 2018- يىلى 02- ئىيۇن شەنبە كۈنى كەچتە، ھەم ئىپتار ھەم دۇئا پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئىپتار ساھىپخانلىقىنى شىۋېتسىيىدىكى ئاقساقاللاردىن ئۇيغۇر ياردەم فوندىنىڭ رەئىسى فارۇخ سادىق ئاكا ئۈستىگە ئالدى.

مەزكۇر ئىپتار ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن دۇئا پائالىيىتىگە، تۈركىيىنىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن دىن ئىشلار مۇشاۋىرى فاتىخ مەھمەت كاراجا، تۈرك يۇرت دىشى ئورۇق تۇغقانلار توپلىمىنىڭ شىۋېتسىيىە ۋەكىلى رافىد جاندېمىر، رىنكېبي مەسچىتىنىڭ ئىمامى ۋەيسەل قىلىچ، ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكىدىن فاتىخ ۋە ستوكھولمدا ياشايدىغان كۆپ ساندىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار قاتناشتى.

ئىپتار كىرىشىدىن بۇرۇن رىنكېبي مەسچىتىنىڭ ئىمامى ۋەيسەل قىلىچ، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلدى ۋە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى جۈملىدىن زالىم خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پات يېقىندا زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

ئۇ دۇئاسىدا يەنە، جانابى ئاللاھدىن خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت قىلىنغان مۇھەممەد سالىھ داموللام، ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم قاتارلىق دىنىي ئۆلىمالارنىڭ شاھادىتىنى قوبۇل قىلىشىنى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمىدا ئەزىيەت چېكىۋاتقان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشىنى، زالىم خىتاينى بىرئاز بولسىمۇ بۇرۇن ئەقلىنى تېپىپ زۇلۇمنى توختىتىشىنى نېسىپ قىلىشىنى تىللىدى.

ۋەيسەل غوجىنىڭ دۇئاسىدىن كېيىن ھەممەيلەن بىرگە ئىپتار قىلىپ ۋە شام نامىزىنى بىرگە ئوقۇغاندىن كېيىن، ئىپتار ئۈچۈن ھازىرلانغان يېمەكلىكلەردىن ئېغىز تەگكەندىن كېيىن، شىۋېتسىيىگە 5 يىللىق خىزمەت ئۈچۈن كەلگەن تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ دىن ئىشلار مۇشاۋىرى فاتىخ مەھمەت ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ شىۋېتسىيىدىكى خىزمەت ۋاقتىنىڭ توشقانلىقىنى، شىۋېتسىيىدىكى خىزمەت ۋاقتى جەريانىدا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن نۇرغۇن پائالىيەتلەردە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياردىمىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئالدىنقى يىلى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئارقىلىق تۈركىيە دىيانەت ئىشلار ئىدارىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىك قۇرئان كەرىمدىن ئەكەلدۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. تەلەپكە بىنائەن دىن مۇشاۋىرى فاتىخ مەھمەت ئەپەندىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىمدىن ئەكەلدۈرۈپ بەرگەن ئىدى. فاتىخ ئەپەندى شۇ قاتارىدا ئۇيغۇرچە قۇرئاندىن نورۋېگىيىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارغىمۇ ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىمنى ئەكەلدۈرۈپ تارقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فاتىخ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرۋاقىت ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى، ماددى ۋە مەنىۋىي ياردەمدە بولسۇن قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن رىنكېبي مەسچىتىنىڭ ئىمامى ۋەيسەل غوجا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ شىۋېتسىيىدىكى خىزمەت ۋاقتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئۈچۈن كېلەر ئايدا تۈركىيىگە قايتىدىغانلىقىنى، ئەمما تۈركىيىگە قايتقان ۋاقتىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ياردەمنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەيسەل غوجا 2017- يىلى د ئۇ ق نىڭ پەخرى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ شىۋېتسىيىگە كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشكىلى بارغان ئىدى. ۋەيسەل غوجا رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشكەندە، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا داۋاسى ئەمەس ئىكەنلىكىنى، ئۇ پۈتۈن تۈركلەرنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ داۋاسى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق ياردەمنى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەن تۈركىيىگە قايتساممۇ مەن يەنىلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ زالىم خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن ھۆرلۈككە ئېرىشىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

دۇئادىن كېيىن جامائەت بىرلىكتە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇپ قايتتى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى