ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 01.06.2018 12:33:35 يوللانغان تارىخ: 01.06.2018 12:30:41 0 6727

شىۋېتسىيىنىڭ Fokus ژورنىلىدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى

خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ شىۋېتسىيىدىكى جاسۇسلىرى ئارقىلىق شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ تەھدىت سېلىپ ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن

شىۋېتسىيىنىڭ Fokus ژورنىلىدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى

قىسقا خەۋەر: بۈگۈن شىۋېتسىيىنىڭ چوڭ سىياسىي ژورناللىرىدىن Fokus دە، ( خىتاي مۇسۇلمانلارغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ ) دېگەن تېمىدا ئىككى بەتلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان بېسىملىرى ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش تەربىيىلەش نامىدىكى يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىغا يىغىۋالغان ئۇيغۇرلارنى قىيناش ئەھۋالى، يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىنىڭ تۈزۈملىرى قاتارلىقلارنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ شىۋېتسىيىدىكى جاسۇسلىرى ئارقىلىق شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ تەھدىت سېلىپ ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر Fokus ژورنىلى بۇھەقتە شىۋېتسىيىدىكى بىرقانچە ئۇيغۇرلاردىن ئەھۋال ئىگەللىگەن بولۇپ، شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن سۆھبەت بەرگەن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى