ئىسلام دۇنياسى

يېڭىلانغان تارىخ: 01.06.2018 11:49:24 يوللانغان تارىخ: 01.06.2018 11:49:24 0 5126

شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇستاز ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىنى ئوقۇدى

دادىسى شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە ۋاپات تېپىپ جەسىتى تۈرمە ئىچىگە دەپنە قىلىنغان بولسا، ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم شى جىنپىڭنىڭ تۈرمىسىدە شېھىت قىلىنىپ ئوخشاشلا جەسىتى ئائىلىسىگە بېرىلمىگەن

شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇستاز ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىنى ئوقۇدى

شىۋېتسىيىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بۈگۈن 2018- يىلى 01- ئىيۇن جۈمە كۈنى، جۈمە نامىزىدىن كېيىن سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىدە، 2017- يىلى نويابىر ئېيىدا خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت قىلىنغان داڭلىق دىنى ئالىم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇدى.

مەلۇم بولۇشىچە: شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدىكى داڭلىق دىنىي ئالىم ئۇستاز ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم، قانۇنسىز ئادەم تەربىيىلىدى دېگەن نام بىلەن ئىشغالچى خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 2017- يىلى نويابىر ئېيىدا 86 ياشقا كىرگەن مەخسۇم ھاجىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە رەھىمسىزلەرچە شېھىت قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئازابلىغان. مەخسۇم ھاجىمنىڭ قولىدا تەلىم ئالغان شاگىرتلار ۋە يىراق يېقىندىن نامىنى ئاڭلىغان بارلىق ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىردەك مەخسۇمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش قارارىغا كېلىپ، دۇنيانىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرىدە بۈگۈن جۈمە نامىزىدىن كېيىن مەرھۇمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىنى ئوقۇدى.

بۇ قاتارىدا شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار، 01- ئىيۇن كۈنى تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىدە، جۈمە نامىزىدىن كېيىن مەرھۇمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇدى.

سوتۇق بۇغراخان مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇم جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئاخىرىدا، مەرھۇم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمدىن تەلىم ئالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئوقۇش جەريانىدا بىر كۈنى كەچتە دەرستىن كېيىن سۆھبەتتە بولۇپ، سۆھبەتتە ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم دادىسى بارات ئاخۇنۇم توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەرھۇم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ دادىسى شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە ياتقانلىقىنى، دادىسىنىڭ شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە تۈرمىسىدە ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى، بىر مەزگىلدىن كېيىن بىر گۇندىپاينىڭ ئاغزىدىن دادىسىنىڭ تۈرمىدە بەدىنى ئىششىپ كەتكەنلىكىنى، ساقچىلار بولسا دوختۇرخانىغىمۇ ئېلىپ بارمىغانلىقىنى، كېسىلىنى داۋالىتىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنى، كېيىن تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتا ئۆلۈم خەۋىرىنىمۇ نە ئائىلىسىگە نە باشقىلارغا بىلدۈرمىگەنلىكىنى، جەسىتىنىمۇ ئائىلىسىگە بەرمەي خوتەندىكى بىر تۈرمىنىڭ ئىچىگە دەپنە قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئوقۇغۇچىلىرىغا دەپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دادىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ بېشىغىمۇ كەلگەن بولۇپ، دادىسى شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە ۋاپات تېپىپ جەسىتى تۈرمە ئىچىگە دەپنە قىلىنغان بولسا، ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم شى جىنپىڭنىڭ تۈرمىسىدە شېھىت قىلىنىپ ئوخشاشلا جەسىتى ئائىلىسىگە بېرىلمىگەن.

سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ خۇتبىسىدىن كېيىن جۈمە نامىزى ئوقۇغان جامائەت، جۈمە نامىزىدىن كېيىن مەخسۇمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىنى ئوقۇدى ۋە مەخسۇمغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى