ئىسلام دۇنياسى

يېڭىلانغان تارىخ: 28.05.2018 12:39:09 يوللانغان تارىخ: 28.05.2018 12:38:04 0 4883

شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن دۇئا كېچىسىگە تەكلىپ

ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ زۇلۇم قىلىش، ئاتالمىش قوشماق تۇغقان سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ھەربىر ئائىلىگە بىر خىتاي ئەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇش

شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن دۇئا كېچىسىگە تەكلىپ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار! ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ ئېغىزدا تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە ئېشىپ بارماقتا. ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇتقۇن قىلىش، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە يىغىۋېلىپ دىنىي مىللىي روھىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ زۇلۇم قىلىش، ئاتالمىش قوشماق تۇغقان سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ھەربىر ئائىلىگە بىر خىتاي ئەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئاشقۇن سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

كۈنىمىزنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ، دۇئالار ئىجابەت بولىدىغان بەرىكەتلىك ئايدا ياشاۋاتماقتىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستاندا بۇلۇۋاتقان زۇلۇمنىڭ تىز يېقىندا تۈگىشى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىش ئۈچۈن، 2018- يىلى 02- ئىيۇن شەنبە كۈنى كەچتە ئىپتار قىلىش، تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش نامازدىن كېيىن ( شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن دۇئا كېچىسى ) ئورۇنلاشتۇردى.

شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مۇمكىن بولسا 10 ياشتىن تۆۋەن ۋە بەك شوخ بالىلارنى ئېلىپ كەلمىسەك.

ئورنى: سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتى.

ۋاقتى: 2018- يىلى 02- ئىيۇن شەنبە سائەت 21:00 دە.

 

ھۆرمەت بىلەن: تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى