تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 28.05.2018 12:00:42 يوللانغان تارىخ: 28.05.2018 12:00:42 0 2974

ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتى يەنە بىر ئۇيغۇر ئالىمىنى شېھىت قىلدى

مەخسۇمھاجىم 2017 -يىلى 11- ئايدا خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرى، مەرھۇمنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا ئۇقتۇرۇلغانلىقى، تاجاۋۇزچى خىتاي دائىرلىرى مەرھۇمنىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىگە بەرمىگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتى يەنە بىر ئۇيغۇر ئالىمىنى شېھىت قىلدى

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن يەنە بىر قايغۇرلۇق كۈن بولدى. بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدە ياشايدىغان ئاتاغلىق دىنىي زات ئالىم ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇمھاجىمنىڭ خىتاي تۇرمىسىدە شەھىت قىلىنغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتنىڭ ئالىسىدىن قىلسۇن، ئامىن.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇلئەھەد مەخسۇمھاجىم تاجاۋۇزچى خىتايلار تەرىپىدىن قانۇنسىز دىنىي مەكتەپ ئېچىپ، بالا تەربىيىلەش بىلەن ئەيىپلەپ قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئابدۇلئەھەد مەخسۇمھاجىم 2017 -يىلى 11- ئايدا خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرى، مەرھۇمنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا ئۇقتۇرۇلغانلىقى، تاجاۋۇزچى خىتاي دائىرلىرى مەرھۇمنىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىگە بەرمىگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

مەرھۇمدىن تەلىم ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇلئەھەد مەخسۇمھاجىم ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى ئۆمرىگىچە ئوقۇ- ئوقۇتۇش، بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىپ ياشىغان، بىلگەنلىرىنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇ يەنە گۈزەل ئەخلاقلىق، خۇش پېئىللىق، كەمتەرلىك، ئاددى ساددا ياشاش، ھاياتىنى ئىلىم -مەرىپەتكە ۋە باشقىلارغا رەھبەرلىك قىلىشقا ئاتاش، ياشاۋاتقان شارائىتنى پەملەپ ھەرىكەت قىلىش ئەمما ئەسلا كۆرەشنى توختاتماسلىقتەك ئالى جانابلىق قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان زات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە: مەرھۇم ئابدۇلئەھەد مەخسۇمھاجىم ئەينى زاماندا شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ مۇھىم شەخىسلىرىدىن بىرى بولغان مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (ھەزرىتىم) نىڭ جىيەنى بولۇپ، ئۇ تەخمىنەن 30 يىللىق ھاياتىنى خىتاينىڭ قاراڭغۇ تۈرمىلىردا ئۆتكۈزگەن، مەرھۇم ئۇستازىمىز خىتاينىڭ قاتتىق سىياسەتلىرىگە پىسەنت قىلماستىن مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن بولۇپ، مەرھۇمنىڭ تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن شاگىرتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەللەردە ئاكتىپ پائالىيەت قىلماقتا ئىكەن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى