ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

ئىسلام دۇنياسى

يېڭىلانغان تارىخ: 20.05.2018 06:01:52 يوللانغان تارىخ: 20.05.2018 06:01:52 0 10178

شىۋېتسىيىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە خرىستىئانلار ئىپتاردا جەم بولدى

شىۋېتسىيىدە بۇ خىلدىكى ئىپتارلاردا مۇسۇلمان ۋە خرىستىئان توپلىمىنى بىر يەرگە جەم قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ئىپتارغا خرىستىئان توپلىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم كىشىلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن

شىۋېتسىيىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە خرىستىئانلار ئىپتاردا جەم بولدى
تۈركىيىنىڭ ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 19- ماي شەنبە كۈنى، شىۋېتسىيە ئىسلام فېدىراتسىيۇنى تەرىپىدىن شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىدە شىۋېتسىيىدىكى مۇسۇلمان ۋە خرىستىئان تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئىپتار زىياپىتىگە، تۈركىيىنىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەمرە يۇنت، تۈركىيە دىيانەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسىگە قاراشلىق ستوكھولمنىڭ تېنىستادىكى مەسچىتنىڭ ئىمامى، شىۋېتسىيە ئىسلام ياردەم تەشكىلاتى، شىۋېتسىيە خرىستىئان پوپلىرى بىرلىكىنىڭ باشلىقى پېتېر لۆۆۋ، تۈرك ھاۋا يوللىرىنىڭ ستوكھولم شۆبىسى مۇدىرى بىلال ئارپاجى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ياشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئادام غالىپ، ستوكھولمدىكى ئىسلام تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە كۆپ ساندا تۈرك ۋەتەنداشلىرى قاتناشقان.
ئىپتار زىياپىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان شىۋېتسىيە ئىسلام فېدراتسىيۇنىنىڭ باشلىقى تاھىر ئاكان سۆز قىلىپ، ئىسلام دىنى شىۋېتسىيىدە ئىككىنچى چوڭ دىن ئىكەنلىكىنى، شىۋېتسىيە ئىسلام فېدراتسىيۇنىغا ئەزا 52 ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن تاھىر ئاكان، شىۋېتسىيىدە بۇ خىلدىكى ئىپتارلاردا مۇسۇلمان ۋە خرىستىئان توپلىمىنى بىر يەرگە جەم قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ئىپتارغا خرىستىئان توپلىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم كىشىلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئارقىدىن سۆزگە چىققان تۈركىيىنىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەمرە يۇنت، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ رامزان ئېيىنى مۇبارەكلەش بىلەن بىرگە، رامزان خۇشاللىق ئېيى، پەرقلىق ئىنسانلارنى بىر يەردە كۆرگەنلىكىمدىن مەمنۇن بولدۇم. ئىنشائاللاھ بۇ يەردىكى گۈزەل كۆرۈنۈش پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىغا ئۆرنەك بولار شەكىلدە سۆز قىلغان.
كېيىن، شىۋېتسىيە چېركاۋ پوپلىرى بىرلىكىنىڭ باشلىقى پېتېر لۆۆۋ سۆز قىلىپ، رامزان «سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت ئېيى»، ئىنسانلارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى بىرلەشتۈرىدىغان بىر ئاي. بىر خرىستىئان بولۇش سۈپىتىم بىلەن رامزان ئېيىنىڭ بەرگەن مەنىۋىي جەھەتتە ئىنتايىن ئاكتىپ ئىكەنلىكىنى قىزغىنىۋاتىمەن دېگەن شەكىلدە سۆز قىلدى.

شىۋېتسىيە ئىسلام فېدراتسىيۇنىنىڭ باشلىقى تاھىر ئاكان

تۈركىيىنىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەمرە يۇنت

شىۋېتسىيە چېركاۋ پوپلىرى بىرلىكىنىڭ باشلىقى پېتېر لۆۆ

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى