ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

مائارىپ

يېڭىلانغان تارىخ: 22.09.2014 07:01:33 يوللانغان تارىخ: 22.09.2014 06:44:19 0 15141

خىتاي دائىرلىرى « قوش تىل » ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى دىنسىزلاشتۇرۇشنى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ھەر يىلى 200 دىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى مىللىي ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە تەقسىم قىلىش ياكى ياردەمگە ئەۋەتىش تەدبىرى ئارقىلىق،


خىتاي دائىرلىرى « قوش تىل » ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى دىنسىزلاشتۇرۇشنى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا   

ئىشغالچى خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلىدىن ئايرىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، ئاتالمىش «قوش تىل» مائارىپىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئېشىنچى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەپ، ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرماقتا.
خىتاي خەلق تورىنىڭ 22- سېنتەبىر كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۇچا ناھىيىسىدە، ئاتالمىش «قوش تىل» ئوقۇتۇشنى مەجبۇرى يولغا قۇيۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى ياخشىلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەردە يەنە: ئاتالمىش قوش تىل ئوقۇتۇش مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاش بىلەن بىللە، ھەر يىلى 200  دىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى مىللىي ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە تەقسىم قىلىش ياكى ياردەمگە ئەۋەتىش تەدبىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر- خىتايدىن ئىبارەت ئىككى مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق قوش تىل ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە: تەتىلدىن كېيىن يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلانغاندىن بۇيان كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئۇزۇن يېزىسىنىڭ بازارلىق ئوتتۇرا مەكتىپى ئەدەبىيات-سەنئەت، تەنتەربىيە، نۇتۇق سۆزلەش، زېھىن سىناش، چاتما رەسىملىك مەزمۇنلارنى تېما قىلىپ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
بۇ پائالىيەتتە، كۆپ خىل پائالىيەت ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى دىنىي ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇپ، ساغلام ئوقۇ-ئوقۇتۇش مۇھىتى يارىتىشقا يېتەكلىدى.

ئىشغالچى كوممۇنىست خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاتالمىش قوش تىللىق مەجبۇرىي مائارىپقا زورلاپ، ئانا تىلىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق دىنىي ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپلەردە مائارىپ تەربىيىسى ئورنىغا سىياسىي دەرس بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ، ئىدىيىسىنى كوممۇنىزم بويىچە يېتىشتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا.

مەنبە: خىتاي خەلق تورى

 

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى