نامايىش: ھاياجان ۋە قىزغىنلىق | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 04.05.2018 01:52:15 يوللانغان تارىخ: 04.05.2018 01:52:15 0 17831

نامايىش: ھاياجان ۋە قىزغىنلىق

ھەر قانداق ئىشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەندە رادىكاللىق كېلىپ چىقىدۇ. ئادەتتە، ئوڭچىللىق سولچىللىقنى، سولچىللىق بولسا ئوڭچىللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھالبۇكى، توغرا يول، دىنىمىز كۆرسەتكەندەك، ئۇتتۇراھاللىقتىن مەيدانغا كېلىدۇ.

نامايىش: ھاياجان ۋە قىزغىنلىق

-برۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن «5000 كىشىلىك نامايىش» جەريانىدا ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئۈستىدە ئويلىغانلىرىم

ئويچان

2018-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى سىياسىي پائالىيەت تارىخىدا، ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر، ئەركىنلىك ئۈچۈن، ياۋرۇپانىڭ سىياسىي مەركىزى بولغان بىلگىيە پايتەختى برۇسسېلغا يېغىلدى. بۇ قېتىملىق نامايىش ئۇيغۇرلار غەرب دۇنياسىدا ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ نامايىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ نامايىش مەيلى سان، مەيلى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدا ئېلىپ بارغان مەيدان پائالىيىتى تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتتى. نامايىشقا يەتمىش ياشلىق بۇۋايلاردىن تارتىپ، يەتتە ياشلىق بالىلارغىچە زوق-شوق بىلەن قاتناشتى. نامايىشقا تۈرلۈك سەۋەبلەردىن قاتنىشالمىغان ياكى قاتنىشىشنى خالىمىغان كىشىلەرمۇ، بىر بولسا، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق گۈزەل تىلەكلىرىنى ئەۋەتتى؛ يەنە بىر بولسا، ئۈن-تىنسىز دۇئا قىلىشتى. ئىشقىلىپ، «ئاپېرىن» دېمىگەن، ھاياجانلانمىغان، نامايىشىچىلاردىن سۆيۈنمىگەن ئۇيغۇر يوق دەپ ئويلايمەن. نېمىلا بولمىسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نامايىشقا قىتئەلەرنى ئاتلاپ كېلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاسسىپلىقتىن قۇتۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى.

بىراق، مەزكۇر نامايىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ۋە نامايىش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەزى ئىشلارمۇ يۈز بەردى. ئەسلىدە، بىزگە ئوخشاش سىياسي پائالىيەتلەردىن قاچىدىغان، نامايىشلارغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا تېخى ئادەتلىنىپ بولالمىغان بىر خەلققە نىسبەتەن، بۇ خىل ھاياجان ۋە قىزغىنلىق ئىچىدە يۈزبەرگەن بەزى مەسىلىلەرگە قارىتا، ئالدىراپ تەنقىدىي پىكىر بايان قىلىشنى ئانچە مۇناسىپ دەپ قارىمايتتىم. مېنىڭچە بولغاندا، خەلقىمىزنىڭ سىياسىي ئاكتىپلىقى داۋاملىق قوزغىتىلىشى ۋە بۇ يۆنىلىشتىكى تەشۋىقاتلار داۋاملىق كۈچەيتىلىشى كېرەك ئىدى. تەشۋىقات ۋە پائالىيەت جەريانىدا ھاياجان ۋە قىزغىنلىق تۈپەيلىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بەزى مەسىلىلەرنى بولسا، كۆپتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. بۇنداق ئىشلار تەدرىجىي ئىزىغا چۈشەتتى. تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى سۇسلاشتۇرىدىغان، قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇغۇق سۇ سېپىدىغان ھەر قانداق پائالىيەتتىن ئىمكان بار يىراق تۇرۇش كېرەك ئىدى. چۈنكى سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ، جۈملىدىن نامايىشنىڭ ئەھمىيىتىگە سەل قارايدىغان، ھېچبىر ئۆزرىسىز ياكى خىتايدىن قورقۇپ نامايىشقا چىقمايدىغان كىشىلەر يەنىلا كۆپ ئىدى. شۇنداق ئىكەن، بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش ياكى قويماسلىق ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم. ئاخىرىدا، نامايىشتىن كېيىن، بولۇپمۇ بىر-ئىككى كۈندىن بۇيان يۈز بەرگەن بىر قىسىم كۆڭۈلسىزلىكلەرگە قاراپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى نامايىشلىرىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن، يەنىلا بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئويلىغانلىرىمنى مۇۋاپىق بىر شەكىلدە دەپ بېقىشنى لايىق تاپتىم. ئۈمىدىم: دېگەنلىرىم، «مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن بۇرۇن تەنقىد قىلىش، ھەسسە قوشماي قۇسۇر ئىزدەش، مەيدانغا چىقماي ئاتىكارچىلىق قىلىش، ئەڭ مۇھىمى، نامايىش قىزغىنلىقىغا سۇغۇق سۇ سېپىش» بولۇپ قالمىغاي!!!

ئالدى بىلەن، بۇ قېتىمقى نامايىش چاقىرىقلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خۇرسەن بولدۇم. نامايىشنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى ئاكتىپ ھەمبەھىرلىدىم. نامايىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تۆت كۆزۈم بلەن كۈتتۈم. نامايىش يېقىنلاشقانسېرى تەشۋىقات چاقىرىقلىرىمۇ كۆچىيىشكە باشلىدى. بۇنىڭدىن تېخىمۇ سۆيۈندۈم. ھالبۇكى، ئارىدا بەزى ۋېدىئولار چىقتى. سۆزلەر بارا-بارا قۇپاللىشىشقا قاراپ تەرەققي قىلدى. تەشۋىقات بەزىدە ئادەم قىززىقتۇرۇش رولىنى قاخشاش، قىيداش، تەنە، كەمسىتىش، نوچىلىق ۋە ھاقارەت قىلىشقا ئالماشتۇرۇۋالدى. باشتا بىر ئاز بىئارام بولدۇم. ئەمما، ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى قىلالمىغىنىم ئۈچۈن، مەندىكى گۇناھ تۇيغۇسى ئۇلاردىن ئاغرىنىشىمغا يول قويمىدى. بەلكىم، نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا ئوخشاش ھېسسىياتتا بولغاندۇ. بىراق، بۇ خىل ھاياجان ۋە قىزغىنلىق نامايىش جەريانىدا ۋە نامايىشتىن كېيىن يۇقۇرى پەللىگە چىقتى. بىرى، «ئۇيغۇر بولساڭ، مۇسۇلمان بولساڭ، ئەركەك بولساڭ، ھەتتا ئادەم بولساڭ... نامايىشقا چىق» دەيتتى؛ يەنە بىرى، «ئەمدى نامايىشقا چىقمىغانلار بۇنىڭدىن كېيىن چىقمىسۇن...، ئۆزىنى ئۇيغۇر، مۇسۇلمان دېمىسۇن...» دەيتتى. ھەتتا «نامايىشقا چىقمىغانلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كىرگۈزمەيمىز...» دېگەنلەرمۇ بولدى. دېمەك، ھاياجان ۋە قىزغىنلىق، بىر خىل كەينىدە ئەقىل ۋە تەمكىنلىك يۇشۇرۇنمىغان تەنتەك ھاياجان ۋە قىزغىنلىق باش كۆرسېتىشكە باشلىغانىدى. مانا! نامايىش جەريانىدىكى مىكروفۇن تالىشىش كۆرەشلىرى ۋە نامايىشتىن كېيىنكى «ھەقىقەتنى سۆزلەش» كومېدىيەلىرى بۇنىڭدىن بىشارەت بېرىۋاتىدۇ.

توغرا، نامايىش بىر خىل ئاممىۋىي مەيدان پائالىيىتى بولغانىكەن، ئۇنىڭدا ھاياجان ۋە قىزغىنلىق كەم بولسا بولمايدۇ. ئاممىۋىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش جەريانىدا، ئاز تۇلا نۇقسانلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. تەشۋىقات خىزمىتىدە بىر ئاز مۇبالىغە قىلىشنىمۇ خاتا دېگىلى بولمايدۇ. بىراق، بۇ ھاياجان ۋە قىزغىنلىقنىڭ كەينىدە ساغلام ئەقىل ۋە تەمكىنلىك يۇشۇرۇنغان بولۇشى كرەك. ھەر قانداق ئىشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەندە رادىكاللىق كېلىپ چىقىدۇ. ئادەتتە، ئوڭچىللىق سولچىللىقنى، سولچىللىق بولسا ئوڭچىللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھالبۇكى، توغرا يول، دىنىمىز كۆرسەتكەندەك، ئۇتتۇراھاللىقتىن مەيدانغا كېلىدۇ. بىر مەسىلىنى يوق قىلىش ئۈچۈن، يەنە بىر مەسىلە پەيدا قىلىش، ھەرگىزمۇ مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى ئەمەس.

كېچىكلىكىمدە، «ئىسلامنى چۈشۈنۈۋېلىپ» تېخى چۈشەنمىگەنلەر ئۈستىدىن ئەھكام كېسىشكە ئالدىرىغانلىرىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئىسلامنىڭ سەككىز ئاساسىنى ئۆگېنىپلا، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «ئاللاھنىڭ دۈشمىنىگە دۈشمەن بولۇش» دېگەن ئاساسنى، نەزىرىمدە، تېخى مەنچىلىك تەقۋا بولۇپ بولالمىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمغا تەدبىقلاپ يۈرۈپتىكەنمەن. ھەقىقىي ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بولغان كاپىر، تاجاۋۇزچى ۋە زالىم خىتايلار ۋەتىنىمدە تۇرسا، «ئاللاھ يولىدىكى» ئۆچمەنلىكىمنى، ئىبادەتلىرىنى تۇلۇق قىلىپ بولالمىغان، تۇلۇق قىلىش ئەركىنلىكىگىمۇ ئىگە ئەمەس خەلقىمگە قارىتىپ ئىسراپ قىلىپتىكەنمەن. شۇ چاغلاردا، بەزى دوستلىرىمنى «ھەقكە دەۋەت قىلىمەن» دەپ قەستەن رەنجىتكەن. بەزىلىرى سالام قىلسىمۇ، «پاسىققا سالام قىلمايمەن» دەپ، ئالاقەمنى ئۈزگەن ئىدىم. كېيىن بىلسەم، شۇ چاغلاردا تۇلىمۇ ھاياجان، قىزغىن، ئەمما تەنتەك ئىكەنمەن. بىراق، بۇ ئىشلارنى پەقەتلا ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلغان ئىدىم. ساداقىتىمدە ھېچبىر مەسىلە يوق ئىدى. مەسىلە چالا بىلگەنلىكىمدە، تەنتەكلىكىمدە، ئۇسلۇبۇمدا... ئىدى. ئالدى بىلەن ئىسلامنى ۋە رېئاللىقنى توغرا چۈشەنمەي، شەرىئەتنى خاتا تەتبىقلاپ، قاپقارا كاپىرنى قۇيۇپ، مۇسۇلمان ئارىسىدىن دۈشمەن ئىزدەپتىمەن. ئارقىدىن دەۋەت قىلىشنىڭ يولىنى بىلمەي، سالام قىلغان دوستلىرىمغا تەتۈر قاراپ، سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان، ئەمما، ماڭا ئوخشاش ئەمەل قىلمايدىغان ياكى قىلىپ بولالمايدىغان كىشىلەردىن ئالاقىنى ئۈزۈپتىمەن. ئۇ يىللاردا مەنلا ئەمەس، مەن دېمەتلىك نۇرغۇن ياشلار ۋە بىزگە ئۇستازلىق قىلغان چوڭلارمۇ ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلغان ئىدى. بەزى «دەۋەتچىلەر» خۇددى خەلققە بىر نەرسە ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك، دەشنام قىلىپ سۆزلەيتتى. بەزى يۇرتلاردا بىچارە خەلقىمىز مەھەللە كومېتىتىغا بارسا، كادىرلارنىڭ تىل-ھاقارىتىنى؛ مەسچىتكە كەلسە، ئاخۇنۇملارنىڭ تەنە-دەشناملىرىنى ئاڭلايتتى. يا كادىرغا ئوبدان بولالماي، يا مۇللامغا ئوبدان بولالماي، بوينى پۈكۈك، غۇرۇرى سۇنۇق بىر ھالەتتە ياشايتتى. بەزىدە، شۇ قەدەر قۇپال ۋە ساپاسىز «تەبلىغلەر»نى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا سورۇننى تاشلاپ چىقىپ كەتمەي، ئاللاھنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ دەپ، ئولتۇرۇۋاتقان خەلقىمىزگە قاراپ، بۇ خەلقتەك ئىمانلىق بىر مىللەتنىڭ دۇنيادا يوقلۇقىغا ئىشىنىپ قالىمەن. شۇنىڭ بىلەن، بىر چاغلاردا بالىلار بىلەن تالىشىپ يۈرگەن «ئۇيغۇرلاردا ھەقىقىي مۇسۇلمان بارمۇ؟» دېگەن گەپلەرنى ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ. قىسقىسى، مەن ئەينى چاغدا ئىسلامىي پرىنسىپلارنى تەتبىقلاش ۋە ئىسلامىي دەۋەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا نىسبەتەن كېچىك بىر بالا ئىدىم. بۈگۈن كۆپىنچە خەلقىمىزمۇ سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇنللىنىشقا نىسبەتەن، ئەينى چاغدىكى ماڭا ئوخشاش كېچىك بىر بالىغا ئوخشايدۇ. مەن كېيىن قىلغانلىرىمغا پۇشايمان قىلدىم. خەلقىممۇ كېيىن پۇشايمان قىلمىسۇن دەپ، بۇ ھېكايەمنى سۆزلەپ ئولتۇرۇپتىمەن. مەقسىدىمنى توغرا يەتكۈزەلىدىممۇ-يوق، بىلمەيمەن.

ئەمدى مەسىلىنىڭ نەق ئۆزىگە كىلەيلى. بۇ قېتىملىق نامايىش جەريانىدا ۋە نامايىشنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەن بۇ خىل ھاياجان ۋە قىزغىنلىق ئارىلاش چۇقان-سۆرەنلەر، ھەمدە بۇلارغا ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بىر خىل نامۇۋاپىق پوزىتسىيەلەر ۋاقتىدا تۈزىتىلمىسە، يېڭى مەسىلىلەرگە يول ئاچىدۇ. نەتىجىدە، نامايىشقا چىقماسلىقتىن ئىبارەت پاسسىپلىقىمىز، نامايىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئاكتىپلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ. نامايىشنى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلەش ياكى نامۇناسىپ ئۇسۇللاردا تەكىتلەش نۇرغۇن سۇئاللارغا يول ئاچىدۇ. مەسىلەن: نامايىش بىلەن ھەممە مەسىلە ھەل بولامدۇ؟ نامايىشقا چىققانلار چىقمىغانلاردىن بەكرەك ۋەتەنپەرۋەرمۇ ياكى نامايىشقا چىقىش-چىقماسلىق ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئۆلچىمىمۇ؟ نامايىشقا چىققانلارنىڭ نامايىشقا چىقمىغانلارنى ئەيىپلەش ياكى كەمسىتىش ھەققى بارمۇ...؟ ۋاھاكازالار.

بىرىنچىدىن، نامايىش ھەممىگە قادىر ئەمەس. نامايىش بىزنىڭ داۋايىمىز يولىدىكى مۇھىم ۋاستىلىرىمىزدىن بىرى. نامايىش بىزنىڭ بىر خىل تاللىشىمىز ھەم بايلىقىمىز. ھەرگىزمۇ بارلىقىمىز ئەمەس. شۇڭا پۈتۈن دەسمايىمىزنى نامايىشقا سېلىشمۇ، نامايىشتىن، نامايىشنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان باشقا نەتىجىلەرنى كۆتۈشمۇ توغرا ئەمەس. بىزنىڭ ئالدىمىزدا نۇرغۇن خىزمەتلەر بار. بۇ خىزمەتلەرنىڭ بەزىسى ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلسا، بەزىسى يۇشۇرۇن، ئۈن-تىنسىز ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز ۋەتىنىمىزنى مۇستەقىل قىلىمىز دەيدىكەنمىز، مائارىپ، ئىقتىساد ۋە ھەربىي ساھەلەردە كۈچلەنمىسەك قەتئىي بولمايدۇ. ئىستىخبارات خىزمىتىمۇ بىز بىرىنچى قولدا تۇتۇپ ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەردىن بىرى. بۇ خىزمەتلەر نامايىشقا ئوخشاش ھاياجان ۋە قىزغىنلىقنى، تېخىمۇ توغرىسى نامايەن قىلىشنى ئەمەس، بەلكى سۇغۇققانلىق بىلەن تەر تۆكۆشنى، مىننەتسىز، ئۈن-تىنسىز ئىشلەشنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، نامايىش ھاياجىنىدا، ھەممە كىشىلەرنى كوچىغا چىقىرىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، بۇ نوقتىلارغا سەل قارىساق كېيىن پۇشايمان قىلىپ قالىمىز.

ئىككىنچىدىن، نامايىشقا چىقىش-چىقماسلىق ھەرگىزمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئۆلچىمى بولالمايدۇ. بۈگۈنگىچە نامايىشلارغا چىقمىغان بولسىمۇ، ۋەتەن ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئۆلىمالىرىمىز، ئالىملىرىمىز ۋە بايلىرىمىز بار. بۈگۈن بەزىلەرنىڭ نامايىشقا چىقىپ، بايراق كۆتۈرۈپ قۇيۇش بىلەنلا (ئەلبەتتە، بۇمۇ چوڭ ئىش)، ئۆزىنى شۇلاردىنمۇ ۋەتەنپەرۋەر قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى ياكى شۇلارنى كەمسىتىشكە باشلىشى، ئەمەلىيەتتە، كېچىك بالىنىڭ قېلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. نامايىش مەيدان پائالىيىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، چىققانلار ئاسان كۆزگە كۆرۈنىدۇ. ئەمما، بۇ ھەرگىز ئۇلارنىڭ چىقمىغانلاردىن ياكى چىقالمىغانلاردىن بەكرەك ۋەتەنپەرۋەر، ئىمانلىق، غۇرۇرلۇق... ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. خۇددى نامايىشقا ھەر خىل مەقسەتتە قاتنىشىدىغانلار بولغاندەك، نامايىشقا قاتناشمايدىغانلارمۇ بىردەك بولمايدۇ. بەزىلەر تېخىمۇ مۇھىم ئىشلار ئۈچۈن قاتناشمايدۇ (ئەلبەتتە، بۇنداق تونغا كىرىۋالىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس). بەزىلەر خىتايدىن قورقۇپ، ئائىلىسىدىن ئەنسىرەپ قاتناشمايدۇ. بەزىلەر نامايىشنى «پايدىسى يوق» دەپ قاتناشمايدۇ. يەنە تەشكىللىگۈچىلەردىن ئاغرىنىپ قاتناشمايدىغانلارمۇ بار. مەن بۇ يەردە نامايىشقا چىقمىغانلارنى ئاقلىماقچى ئەمەس. پەقەت نامايىشقا چىققانلارنىڭ، چىقمىغانلاردىن «بەكرەك ۋەتەنپەرۋەر، بەكرەك ئىمانلىق، بەكرەك غۇرۇرلۇق...» ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى. بەلكىم نامايىشقا چىققانلار مۇشۇ بىر ئىشتا ياخشى، ئەمما باشقا جەھەتلەردىن قانچىلىك ياخشى بىلمەيمىز. قىسقىسى، ھاياجان ۋە قىزغىنلىق ئەقلىي تەپەككۇرنى تۇسۇۋالماسلىقى كېرەك دەپ ئويلايمەن.

ئۈچىنچىدىن، نامايىشقا چىققانلارنىڭ، چىقمىغانلارنى ئەيىپلەش ۋە كەمسىتىشكە ھەققى يوق. ئىنسان بىر ياخشىلىققا ئېرىشكەندە، ئالدى بىلەن ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشى، ئاندىن يېقىنلىرى بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا تېرىشىشى كېرەك. چۈنكى بىزگە كەلگەن ياخشىلىق، بىز ھەر قانچە تېرىشقان بولساقمۇ، يەنىلا ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن نىئمىتى. «مال-دۇنيانى ئۆزەم ئىشلەم تاپتىم» دەپ، زاكات بېرىشنى رەت قىلغان قارۇننى ئاللاھ يەرگە يۇتقۇزۇۋەتكەن. بىر ياخشىلىققا بىزنىڭ ئالدىدىراق ئېرىشىپ قالغانلىقىمىز، بىزنىڭ باشقىلاردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. نىئمەتنىڭ شۈكرىسى، ئۇنى كۆرسىتىپ باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىش ياكى ئۇنىڭغا تايىنىپ باشقىلارنى كەمسىتىش بولماسلىقى كېرەك. ئەپسۇسلىنارلىقى، كۆپىنچىمىز بۇنىڭ ئەكسىنى قىلىدىكەنمىز. بىر ئۆمۈر ناماز ئوقۇمىغان بىرى، نامازنى باشلاپلا، قىلىدىغان تۇنجى ئىشى ناماز ئۇقۇمىغانلارنى ئەيىپلەش ياكى كەمسىتىشكە باشلايدىكەن. بىر ئۆمۈر تاماكا چەككەن بىرى، تاماكىنى تاشلاپلا، تاماكا چەككەنلەرنى ئەيىپلەشكە باشلايدىكەن. يەنە بىر ئۆمۈر پىيادە ماڭغان بىرى، ماشىنىغا يىتىۋېلىپلا، پىيادە قالغانلارنى كەمسىتىشكە باشلايدىكەن. ئەسلىدە، نىئمەتنىڭ شۈكرانىسى بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى. بۇلارنىڭ ئېرىشكىنى تېخى باشقىلار ئېرىشىپ بولالمىغان بىر نىئمەت. ئاللاھ بۇ نىئمەتنى ئۇلارغا نوچىلىق قىلسۇن، باشقىلارنى ئەيىپلىسۇن ۋە كەمسىتسۇن دەپ ئەمەس، كەمتەرلىك قىلسۇن، قېرىنداشلىرى بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولسۇن... دەپ بەرگەن ئىدى. مېنىڭچە، نامايىشقا قاتنىشىشمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن بىر نىئمەت. چۈنكى، باشقىلاردا يوق ماددىي ۋە مەنىۋىي ئىمكان شۇلاردا بار. باشقىلاردا يوق يۈرەك شۇلاردا بار. شۇلارنىڭ بەزىسى، تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، نامايىشقا چىقىشتىن قاچقانلار، كۆك بايراقتىن قورققانلار ئىدى. ئەمدى، بىر ئۆرۈلۈپلا «قەھرىمان» بولۇۋېلىپ، تېخى ئۆزىچىلىك قەھرىمان بولۇپ بولالمىغانلارنى ئەيىپلەپ كېتىش، ھەتتا كەمسىتىش توغرا ئەمەس.

ئۇنداقتا، نامايىش قىلمايلىمۇ؟ ياق، قىلايلى، ئەلبەتتە قىلىشىمىز كېرەك. نامايىشقا چاقىرىق قىلمايلىمۇ، تەشۋىق قىلمايلىمۇ؟ نېمىشقا قىلمىغۇدەكمىز، ئەلبەتتە قىلىمىز، بەلكى قىلىشىمىز شەرت. ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟ مېنىڭچە، تەشۋىق (قىززىقتۇرۇش) قىلايلى، تەنە ئەمەس. ئىلھام بىرەيلى مالامەت ئەمەس. روھلاندۇرايلى، تەھدىت سالمايلى. يىتەكلەيلى، كەمسىتمەيلى. بۇ جەھەتتە، رەھبىرىمىز ۋە ئانىمىز رابىيە قادىرنىڭ برۇسسېل نامايىشىدىن كېيىن، ھۈسەيىن تەجەللىي بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە، تەجەللىينىڭ نامايىشقا چىقمىغانلار ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە بەرگەن جاۋابى ئالاھىدە ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. رابىيە ئانىمىزنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە جاۋابى ھەم توغرا، ھەم دانا بولدى دەپ قارايمەن. توغرا، رابىيە ئانىمىز دېگەندەك، چىقمىغانلار ھامان چىقىدۇ، ئۇلارمۇ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بەزىلىرى ھەر خىل يوللار بىلەن نامايىشنى قوللاۋاتىدۇ. يەنە بەزىلىرى ئۈن-تىنسىز خەيرلىك دۇئا قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارمۇ قولىدىن كەلگىنىچە قىلىۋاتىدۇ. توغرا، ئۇلار ھامان چىقىدۇ. بىراق، بىرمۇ ئۇيغۇر قالماي، ھەممەيلەن كوچىغا چىقىشى كېرەكمۇ؟ مانا بۇمۇ نامايىش ھاياجىنى ۋە قىزغىنلىقىدا، پائالىيەتچىلىرىمىز ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان (بەلكىم ئۇنتۇپ قالمىغاندۇ، ئۇلارنىڭمۇ بىر ئويلىغىنى باردۇ) ئويلىنىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مۇھىم مەسىلە.

ناۋادا ئەقىل ۋە تەمكىنلىكتىن خالى بۇ خىل خاھىش ئارىمىزدا داۋاملىق ئەۋج ئالسا، ھەمدە سىياسىي پائالىيەتلىرىمىزنى قاپلىسا، ئۇنداقتا، كەلگۈسىدە تۈۋەندىكىدەك مەسىلىلەرگە يۇلۇقۇشىمىز مۇمكىن.

1) سىياسىي پائالىيەتلەردە داۋاملىق ھېسسىيلىشىش.

يېقىنقى زامان تارىخىمىزغا قارىغىنىمىزدا، ئۆزىمىزنىڭ تىپىك بىر ھېسسي مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى تۇنۇپ يىتەلەيمىز. ھېلىمۇ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنىڭ تۇلىسىغا، ئەقلىمىز ئەمەس، ھېسسىياتىمىز ھاكىم بولۇۋاتىدۇ. بىر ئىشنى ياكى بىر كىشىنى ياخشى كۆرسەك، ھەممە نېمىسىنى ياخشى كۆرىدىغان؛ ئۆچ كۆرسەك بىراقلا ھەممە نېمىسىنى ئۆچ كۆرىدىغان خۇيىمىز بار. ئادەملەرگە، مەسىلىلەرگە ئوبيېكتىپ باھا بىرىشنى ھېچ ئۆگېنىپ بولالمايۋاتىمىز. ئەمما، خەقنىڭ دۆلىتىدە، ياشاش ئۈچۈن چۇقۇم ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشنى ئۆگەنمىسەك بولمايدۇ. سىياسىي پائالىيەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. گەرچە نامايىش ئۈچۈن ھاياجان ۋە قىزغىنلىق كەم بولسا بولمايدىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھاياجان ۋە قىزغىنلىقنىڭ كەينىدە، مۇستەھكەم ئەقىل ۋە تەمكىنلىك بولۇشى كېرەك. بولمىسا نامايىشتىن كۆزلىگەن ئۈنۈمنى ھاسىل قىلالمايمىز. نامايىشنى نۇقۇل ھاياجان ۋە قىزغىنلىق بىلەنلا ئەمەس، پىلان ۋە تاكتىكا بىلەن ئېلىپ بېرىشنى ئۆگەنمىسەك بولمايدۇ. پەقەت نامايىشتىلا ئەمەس، پۈتكۈل سىياسىي پائالىيەتلىرىمىزگە ئەقلىيلىك ھۆكۈمرانلىق قىلمىغۇچە، ئەتراپلىق، مۇكەممەل ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتىگىيە تۈزۈپ چىقالمايمىز. سىياسىي پائالىيەتلەردە ئەقلىيلىك ھەممىدىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ. سىياسىي پائالىيەتلەرنى تەن دېسەك، ئەقلىيلىك ئۇنىڭدىكى جاندۇر.

2) مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۆلۈنۈش.

يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكەندەك، ھەر قانداق بىر مەسىلىدە ئوڭچىللىق سولچىللىقنى، سولچىللىق بولسا ئوڭچىللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۈگۈنگىچە بۇنىڭ دەردىنى جېق تارتتۇق. كونىنى يېقىش، يېڭىنى بەرپا قىلىشتىن جېق ئاسان. ئىنسانيەتنىڭ ئىنقىلاپ تارىخى بۇ نوقتىنى تۇلۇق ئىسپاتلايدۇ. يېڭىنى پەيدا قىلىش ئارزۇسى شېرىن، ئەمما بەرپا قىلىش جەريانى ئاچچىقتۇر. يېقىنقى بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان، «ئاقتاغلىق-قاراتاغلىق»، «مىللەتچى-دىينچى»، «دېمۇكراتىيەچى-ئىسلامچى» ۋە «مۇستەقىلچى-ئاپتونۇمىيەچى»... دېگەندەك قۇتۇپلىشىشتىن قۇتۇلالماي مۇشۇ دەم بولدى. قارايدىغان بولساق، مۇشۇ خىل قۇتۇپلىشىشنىڭ ھەممىسى نىسپىي مەسىلىنى مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىشنىڭ مەھسۇلى. ئەمدى بولسىمۇ، نامايىشنى مۇتلەقلەشتۈرۈشتىن ساقلىنايلى. بولمىسا، ئۆزىمىزمۇ بىلمەي، بۇ قۇتۇپلار قاتارىغا «نامايىشچى» دېگەن يېڭى بىر قۇتۇپنى قۇشۇپ سالىمىز. ناۋادا نامايىشنىڭ رولى مۇتلەقلەشتۈرۈلۈپ، نامايىشقا چىقىش-چىقماسلىق «ۋەتەنپەرۋەرلىك، مۇسۇلمانلىق ۋە ئىنسانلىق»نىڭ ئۆلچىمىگە ئايلىنىپ قالسا، بەزى كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، نامايىشقا چىقمىغان ياكى چىقالماي قالغان كىشىلەرنى كەمسىتىشكە ۋە يەكلەشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، كەمسىتىلگەن ۋە يەكلەنگەن كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى نامايىش سېپىگە قۇشۇلسا؛ يەنە بىر قىسمى، ئۇلاردىن ئايرىلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل خاھىش ئەقىل بىلەن كونترول قىلىنمىسا، بارا-بارا باشقا قۇتۇپلىشىشلاردا كۆرۈلگىنىدەك، «نامايىشچىلار» بىلەن «نامايىشقا چىقمىغانلار» ئارىسىدا بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا نامايىشنىڭ رولىنى مۇتلەقلەشتۈرۈۋالماسلىقىمىز، نامايىشقا چىقىش-چىقماسلىقنى ئۆلچەم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋالماسلىقىمىز، ئەڭ مۇھىمى نامايىشنى بارلىقىمزغا ئايلاندۇرۇۋالماسلىقىمىز كېرەك. بەلكى نامايىش نۇرمال سىياسي پائالىيەتلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلىشى، ئىمكانىيىتى يار بەرگەنلەر ئاكتىپ قاتنىشىشى، قاتنىشالماي قالغانلار توغرا چۈشۈنۈلىشى لازىم. تېخىچە نامايىشنىڭ نۇرمال سىياسىي پائالىيىتىمىزنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ بولالمىغانلىقى، كىشىلەرنىڭ نامايىشلارغا ئاكتىپ قاتنىشىپ بولالمىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن بىر ئاز قاتتىق تېگىشنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغانلار چۇقۇم بار. مەنمۇ بۇلارنى ئېتىراپ قىلىمەن ۋە تۇغرا چۈشىنىمەن. بىراق، ھەر ئىش يولىدا بولغىنى ياخشى. بىر مەسىلىنى ھەل قىلىمەن دەپ، يەنە بىر مەسىلە يارىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. يەنىلا «تەشۋىقات» تەشۋىقات (قىززىقتۇرۇش)تەك بولسا دەيمەن.

3) سىياسىي پائالىيەتلەردىن ئۈمىدسىزلىنىش.

توغرا، خەلقىمىز بىر ئىشقا ئاسان قىززىيدۇ. بىر ئىشتىن ئاسان سۇغۇيدۇ. شۇنداق ئىكەن، سۈنئىي يارىتىلغان نامايىش قىزغىنلىقى ئۇزۇن داۋاملىشالمايدۇ. ھەر ئىشتا، «بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكى» نەق پايدىنى قوغلىشىپ كۆنۈپ قالغان خەلقىمىز، نامايىشتىن ۋەدە قىلىنغان نەتىجىنى كۆرەلمىگەندە، ئاسانلا يالتىيىپ قالىدۇ. دېمىسىمۇ، بۇ قېتىمقى نامايىشتىن كېيىنلا بۇنىڭ ئالامىتى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. شۇڭا نامايىشنىڭ خارەكتېرى ۋە رولىنى كۆپتۈرمەستىن، نامايىشنىڭ ئۈنۈمىنى مۇبالىغە قىلماستىن، سۇغۇققانلىق بىلەن خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق خەلقنى نامايىشقا چىقىدىغان قىلىش زۆرۈر. بولمىسا، «قالتىس» ئىش قىلىۋەتكەندەك تۇيغۇدا نامايىشقا چىققان كىشىلەر، ئۇ «قالتىس» ئىشنىڭ نەتىجىسى كۈتكىنىدەك چىقمىغاندا، ئاسانلا ئۈمىتسىزلىنىپ قالىدۇ.

ئاخىرىدا، دەيدىغىنىم شۇكى، نامايىش قىلايلى، ئەمما قىلىغىنىمىز ياكى قىلالايدىغىنىمىز پەقەت نامايىشلا بولمىسۇن. نامايىش قىلايلى، ھاياجان ۋە قىزغىنلىق بىلەن قىلايلى، ئەمما، بۇ ھاياجان ۋە قىزغىنلىقنىڭ كەينىدە ئەقىل ۋە تەمكىنلىك بولسۇن!!!

مەنبەسى: تۈركىستان ۋاقتى تورى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش