تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 04.05.2018 01:47:34 يوللانغان تارىخ: 04.05.2018 01:47:34 0 5483

ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان شەرقىي تۈركىستان

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس

ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان شەرقىي تۈركىستان

شەرقىي تۈركىستاننى بىلەمسىز؟ قەيەردە، كىملەر ياشايدۇ ۋە نېمىلەر بۇلىۋاتىدۇ؟

شەرقىي تۈركىستان دېگىنىمىزدە دۇنيا خەرىتىسىدىن يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلگەن، ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئىشغالىيەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكى ۋە ھۈقىي تۈركىستاننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرىۋېلىشى تۈپەيلى ئىنساندەك ياشاشتىنمۇ مەھرۇم بىر خەلقنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ.

دەرۋەقە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاق كۆڭۈل، ساددا، مېھماندوست، ئەقىل - پاراسەتلىك بىر مىللەت بۇلۇشى بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەت ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئىجادىيەتلەرنى يارىتىپ، پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان ھەمدە سۇلتان سوتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى بىلەن پۈتۈن خەلق ئىلگىرىكى ئېتىقادى بولغان شامان ۋە بۇددا دىنلىرىنى تەرك ئېتىپ، ھەق دىن ئىسلامنى بىلەن شەرەپلەنگەن شۇنداقلا تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە تۇنجى بۇلۇپ ئىسلامنى دۆلەت دىنى قىلغان ۋە ئىسلام دۇنياسىغا ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپىلەرنى قوشقان بىر مىللەتتۇر. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇ رايۇندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىنى دۇنيادا ھېچقانداق بىر مىللەت باشتىن كەچۈرۈپ باققان ئەمەس.

زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگزىۋاتقان زوراۋانلىقى ۋە دۆلەت تېررورى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن زالىم گېتلىرنىڭ يەھۇدىيلارغا قىلغان زۇلمىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق. ئەجىبا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ سىياسەتلىرىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 1949- يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرى، تىل- يېزىقى، دىنىي تەلىم- تەربىيە قاتارلىقلارنى چەكلەش بىلەن بىرگە، بىلىملىك كىشىلەرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، يالغاندىن قارا چاپلاپ تۈرمىلەرگە مەھكۇم قىلىش، ياش ئۇيغۇر قىزلارنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامىدا خىتاي شەھەرلىرىگە يۆتكەپ ئاپىرىپ پاھىشخانا، رېستۇران، مېھمانخانا، ئويۇنچۇق زاۋۇتلىرى قاتارلىق جايلاردا مەجبۇرىي بولمىغۇر ئىشلارغا سالماقتا. نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنىڭ ئائىلىسىگە، ئاتا- ئانىسىغا تۈرمىگە سولايدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سېلىش ئارقىلىق قىزلارنىڭ نارازلىق بىلدۈرمەستىن سۈكۈتتە تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

دۇنياغا قارايدىغان بولساق ئىنسان ھەقلىرى، ھايۋان ھەقلىرى، دېموكراتىيەنى قوغداش دېگەندەك ناملار بىلەن خىزمەت قىلىدىغان يۈزلەرچە تەشكىلات ۋە ئورگانلارنى كۆرىمىز ۋە ئاڭلايمىز. ئەركىن دۆلەتلەردە ئىنسان ئەمەس بىر ھايۋانغا بىرەر زىيان يەتسە، ھايۋانلارنىڭ ھەققىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى تۇرالماي قالىدىكەن.

بىر مىسال ئالسام، خىتايدا ھەر يىلى ئىت گۆشى يىيىش بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان بۇلۇپ، ئالدىنقى يىلى خىتايدا نەچچە مىليون ئىت گۆشىنىڭ تىزىلغان كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائى ئالاقە تورلىرىدا كەڭ تارقىلىشى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ھايۋان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى ۋە شەخىسلەرنىڭ نەپرىتىنى قوزغىشى بىلەن بۇ يىلى ئۇ بايرامنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا ھەركۈنى نەچچە ئادەم ئۆلىۋاتىدۇ بۇنى بىلگەن ۋەياكى بىلدۈرگەن ئادەم يوق. شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان ۋەقە ھەققىدە بىر سۆزنى تارقاتقان ئادەم خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن شۇ ھامان تۇتۇپ كېتىلىپ ھەرخىل بۆھتانلار بىلەن تۈرمىگە سولىنىۋاتىدۇ. ھايۋانلار قوغدالمىسۇن ئەمەس، قوغدالسۇن ئەمما ئادەمنىڭ قىممىتى ھايۋانلاردىن تۆۋەن بولمىسۇن.

يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدا ھەر ئائىلىدىن ئەڭ ئاز بىر كىشىنى ئېلىپ كېتىپ، «ياشىساڭ خىتايلاردەك ياشا، بولمىسا ئۆل» دېگەندەك رەزىل سىياسى ئۆگىنىشلەر ئارقىلىق مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. مەلۇماتلارغا كۆرە بىر مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇرلار ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇنىڭدىن سىرت سىياسىي، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ناملار بىلەن تۆھمەت قىلىنىپ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس. يېقىندا خىتاينىڭ ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركىزىدىن چىققان بىر قازاقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولۇپ، خىتاي گوندىپايلىرى ئۇلارنى ھەر كۈنى سەۋەپسىز ئۇرىدىكەن، تاياق كۆتۈرەلمىگەنلەرنى بىر زالغا يىغىپ يوقىرى بېسىملىق شاۋقۇن ئاۋازىنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئەقىل سالامەتلىكىنى بۇزىدىكەن.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلمى ئاز كەلگەندەك ئاتالمىش قوشماق تۇغقان سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئەرلىرى تەربىيىلەشكە ئېلىپ كېتىلگەن ھەربىر ئائىلىگە بىردىن ئەر خىتاينى تۇرغۇزۇپ ئۇيغۇر- خىتاي قوشماق تۇغقان بۇلۇشقا مەخبۇرلىماقتا. ئۇيغۇر ئائىلىدە تۇرىۋاتقان ئاتالمىش تۇغقان خىتايلار، ئۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك قىلغان ئىشلىرى، يېگەن تاماقلىرى، ھەربىر ئىش ھەرىكەتلىرىنى بىرمۇ بىر خىتاي ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇم قىلماقتا. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان رەزىل سىياسەتلىرىگە نە ياۋروپا، نە ئامېرىكا، نە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، نە ئىنسان ھەقلىرى، نە دۇنيانىڭ ھېچبىرىنىڭ ئاۋازى چىقمايۋاتىدۇ ۋە چىقمىدى.

2016- يىلى فرانسىيەدە يۈز بەرگەن ۋە بىرقانچە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ۋەقەدە پۈتۈن دۇنيا لىدېرلىرى فرانسىيەگە يىغىلىپ تېررورىزىمغا قارشى بىر سەپكە تىزىلدى. ئەمما ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا 1949- يىلىدىن بېرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ھەركۈنى قانچىلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ جەسەتلىرى كۆيدۈرۈلدى ۋە ئىز دېرەكسىز كۆمۈۋېتىلدى ھېچكىمنىڭ خەۋىرى يوق ۋە ھېچكىمنىڭ ئاۋازى چىقمايۋاتماقتا.

قىساسكار يىگىت

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى