نامايىشتىن كىيىن ئويلىغانلىرىم | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 02.05.2018 14:15:11 يوللانغان تارىخ: 02.05.2018 14:15:11 0 20453

نامايىشتىن كىيىن ئويلىغانلىرىم

بەزى بىر خىتاينىڭ 5 موللىلىرى، بارماقلىرىنى ئىشقا سېلىپ زەھەرلىك ئىنكاسلارنى يېزىشتى، رەھبەرلەرنى خائىن، مۇناپىق، ساتقۇن دەپ شالۋاقلىرىنى ئاققۇزدى، شۇ ۋىدېئو ئۇلانمىلارنى ھەم بەھرىرىلىگەن

شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن ۋاقىتلىق تەييارلىق قىلىش ۋە پىلانلاش ئارقىلىق بۇ قېتىملىق نامايىش زوراۋانلىقسىز، زىددىيەتسىز ۋە مەسلىسىز غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
نامايىش جەريانىدا نامايىش قاتناشقۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى يەنىمۇ يۇقىرى كۆرۈلگەن ۋە ھاياجان ئىلىكىدە مىللەتنىڭ بىرلىك، باراۋەرلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولدۇقٜ، قەلبىمىزدە ئىشەنچ پەيدا بولدى.
ئۇيغۇرنىڭ چېچىلىپ كەتمىگەنلىكىنى، يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ھەر يەردە خىتاينىڭ دېگىنى ھېساب بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەنمۇ بولدۇق.
نامايىش جەريانىدا بىر نەچچە خىتاي غالچا ئىشپىيونلارنىڭ تۇتۇلۇشى خىتاينىڭ يۈزىگە تەستەك بىلەن ئۇرۇلغانلىق بولدى ۋە خىتايغا بىرىلگەن بىر سىگنال ئىدى.
لېكىن بىر نەچچە كۈندىن بىرى تور دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق، نامايىش ئورۇنلاشتۇرغان رەھبەرلەرگە بولغان تەنقىدىي پىكىرلەر كۆپىيىپ ئۇلارنى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىمىگەن، ئاۋۇ ئانداق بوپ قالدى ماۋۇ ماندا بوپ قالدى دىگەندەك رەنجىشلەر، تەنقىدىي پىكىرلەر ھەتتا ئۇلارنى ھاقارەتلەيدىغان ئىنكاسلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
لېكىن شۇلار ئۆزلىرىدىن " مەن نېمە قىلدىم؟ شۇلار قىلمىغان ئىشلارنى مەن نىمىشقا قىلمىدىم؟ دېگەن سوئاللارنى سوراپ باققانمىدۇ؟ ”
بۇ قېتىملىق نامايىشتا بىز ھەققىدە خەۋەر ئىشلەيدىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كەملىكى، شۇ پائالىيەتنىڭ مۇھىم ئاخبارات ۋاستىلىرىدە تىلغا ئېلىنمىغانلىقى ئاساسلىق تەنقىتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ، رەھبەرلەر نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار خىزمەتنى ياخشى قىلمىدى؟ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئۇقتۇرماپتۇ؟ دىگەندەك تەنقىدىي سوئاللار سورالدى، ھەتتا بەزىلىرىمىز ئۇلارنى بىكارغا نان يەيدىغان نان قېپى، بىكارغا پۇل خەجلەيدىغان خائىنلار دەپ تىللاشقا ئۈلگۈردۇق.
توغرا، ھەر قانداق ئىشنىڭ كەينىدە بىر مەسئۇليەت بولىدۇٜ. بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بېلگىيەدىن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئېلىپ شىۋىتسارىيەگە دالا پائالىيىتىگە ماڭغان بىر ئاپتۇبۇس شۋېتسارىيە دائىرسى ئىچىدە بىر تونېلدا قازاغا يولۇقۇپ ئاپتوبۇستىكى ھەممە ئۇقۇغۇچىلار ۋە شوپۇر قازا قىلغان ئىدى. شۇ يىلى بېلگىيە ئۈچۈن بىر ماتەم يىلى بولغان ئىدى. بۇ ئىشتىكى مەسئۇلىيەتنى شۇ ۋاقىتتا دەرھاللا شوپۇرغا ئارتمىغان، بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە بەرگەن بۇلۇپ تەخمىنەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كىيىن ۋەقە سەۋەبىنى بېلگىيە ۋە شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئىدى. مەسئۇليەتنىڭ يېرىمى شوپۇرغا ئارتىلغان، چۈنكى شوپۇر ئارىلىقتا قىسقا دەم ئېلىپ سەگەپ ماڭماي، ئۆزىنى چارچىتىپ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈلمەي ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرمىغان; يەنە بىر يېرىمى بولسا شۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئۇرۇن ياكى مەكتەپ زاپاس شوپۇر ئىشلەتمىگەن دەپ ئەيىبلەنگەنٜ. دېمەك بۇ ۋەقەدىكى مەسئۇليەت بىر ئادەمگە ئەمەس بىر قانچە ئادەملەرگە ياكى تەرەپلەرگە چېتىلغان.
خوش، ئۆزىمىزگە كەلسەك، 5000 كىشىلىك نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاز كېلىشىگە تۇلۇق مەسئۇل بولسا بولمايدۇٜ. مەسئۇليەتنىڭ يېرىمىنى نامايىشقا قاتناشقۇچىلار، بېلگىيەدە ۋە قوشنا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئۇستىگە ئېلىش كېرەكٜ .چۈنكى د ئۇ ق رەھبەرلىرى پەقەتلا ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئەمەس پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن، شۇ نامايىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىسى، ئۇرۇق تۇغقانلىرى، قاماقتىكى مىليون خەلقنىڭ ئەركىنلىكى، خۇلاسىلىگەندە، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن نامايىش ئۇيۇشتۇرغان. بۇ يەردە مەسئۇلىيەتكە بىز شېرىك بولىشىمىز كېرەك، چۈنكى بىز شۇ ۋەتەننىڭ بىر پارچىسى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ھەققىمىز ۋە مەجبۇرىيەتلىرىمىز بار ئەلۋەتتە.
رەھبەرلەرگە 4 كۈنلۈك ھەمرا بۇلۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قولىدىكى خىزمەتنىڭ قانچىلىك كۆپلىكىنى، بىر سائەتتە 10 نەچچە قېتىم تېلېفۇن تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىنى، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، تور ئارقىلىق ئۇچۇر ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئايروپىلاندا بىر ھەپتىدە 10 نەچچە مىڭ كىلومېتىر ئۇچقانلىقىغا شاھىت بولدۇم. ئۇلار خۇددى ئۆز ئائىلىسىنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا. بۇنىڭ ھەممىسى شۇ مىللەت ئۈچۈن، شۇ 30 مىليون خەلق ئۈچۈن.
ئەمما بىز ئۇ دەرىجىدە ئالدىراش ئەمەسمىز، بىر ئاخبارات ۋاستىسىغا " 27-چېسلا نامايىش بولىدۇ، بېرىشقا ۋاقتىڭىز بارمۇ ؟ " بىر تال تېلېفۇن بىلەن، ياكى بىر پارچە ئېمەيىل بىلەن بولىدىغان ئىشنى قىلىشقا بىزنىڭ ۋاقتىمىز چىقماي قالارمۇ؟ بىز ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنى كۈندە ئىنتېرنېت ياكى تېلېۋىزۇرلاردا، گېزىتلەر ئارقىلىق ياخشى بىلىمىز، بۇنىمۇ شۇ رەھبەرلەر قىلسۇن دەپ ئارتىپ قويساق ئەمسە بىز نېمە قىلىمىز؟
بۇ يەردە مەن شۇنى دېمەكچى، ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق، ئۇيغۇرنىڭ تونۇلۇشىغا، ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا، ئۇيغۇر دەۋاسىغا مەسئۇل بۇلىشى كېرەك، چۈنكى سىزنىڭ شەرقى تۈركىستانلىق بۇلۇش سۇپىتىڭىز بىلەن سىزنىڭ ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن ئۆتەيدىغان مەجبۇرىيەتلىرىڭىز بار بەھرىرلىنىدىغان ھۇقۇقلىرىڭىز بار.
تور دۇنياسىدا بولىۋاتقان يەنە بىر كۆڭۈلسىز مەسلە، رەھبىرىمىزنى مەلۇم بىر ئاتالغۇنى ئىشلەتتى، شۇنى تىزىملىماقچى بولدى دەپ شۇ رەھبەر بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، پىكىرىنى ئېلىپ مەسىلىنى چۈشۈنۈپ ھەل قىلماي تور دۇنياسىدا ئۆزىنى قالتىس ئادەم چاغلاپ ۋىدىئو شەكىلدە بايانات ئېلان قىلىپ خەلق ئارىسىغا كۆڭۈلسىزلىك سالغانلىقى، زىددىيەتنىڭ ئۇرۇقىنى، ئۇيغۇر ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان ئادەمنىڭ يۇز ئابرويىنى چۈشۈرۈشكە، باشقىلارغا يامان كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقى ۋە بىلمىگەنلەرنى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى بولدى. ئاخىردا نېمە بولدى؟ بۇنى پۇرسەت دەپ بىلگەن بەزى بىر خىتاينىڭ 5 موللىلىرى، بارماقلىرىنى ئىشقا سېلىپ زەھەرلىك ئىنكاسلارنى يېزىشتى، رەھبەرلەرنى خائىن، مۇناپىق، ساتقۇن دەپ شالۋاقلىرىنى ئاققۇزدى، شۇ ۋىدېئو ئۇلانمىلارنى ھەم بەھرىرىلىگەن بەزىلەر بىلىپ بىلمەي رەھبەرگە قارشى ئوينالغان پىتنە ئۇيۇنلارغا شېرىك بولۇۋاتىمىزٜ.
ئەينى زاماندىمۇ رابىيە قادىرغىمۇ شۇنداق ئويۇنلار بولغان ئىدى.
نېمە ئۈچۈن بىر ئادەم بىر ئىشنى خاتا قىلسا خاتالىقىنى ئۇ يوق يەردە ئاۋام خەلققە ئەمەس ئۇنىڭ يۈزىگە سېلىپ خاتالىقنى تۈزىتىشكە پۇرسەت بەرمەيدۇ؟ ۋىدىئو ئېلان قىلغان شۇ كىشى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلسە نېمە ئۈچۈن شۇ رەھبەرگە تېلېفۇن قىلىپ سورىمايدۇ؟ ۋىدىئو ئېلان قىلىشىنىڭ سەۋەبى خىتايلاردىكى سېسىتىش ئويۇنىمۇ؟ باشقا مىللەتكە ياۋايى دەپ باھا بېرىدىغان ئۇ ئادەمگە ھوقۇقنى كىم بەردى؟ سىز كىم؟
تۈنۈگۈن بىر نەچچە قېرىندىشىمىز رەئىسكە تېلېفۇن قىلىپ بۇ ئىشنى سورىدى، رەئىس ئۇندا ئىش يوق دېدى.
ئۇيغۇر خەلقى تارىختا دۇچ كېلىپ باقمىغان ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بىز پۈتۈن ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ خىتاينىڭ ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك،بىزگە بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يوق. قولىمىزدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلشىمىز كېرەك. رەھبەرنى قارىلايدىغان، ئىش قىلۋاتقاننى قارىلايدىغان، ۋىدىئو ئېلان قىلىپ كونا خاماننى سورۇپ ئىش قىلىۋاتقان شۇ رەھبەرلەردىن سۇئال سوراپ ئۇلارنى خائىن مۇناپىق دەيدىغان شۇ ئىنسانلار، شۇ كاللا سۇقۇشتۇرىمىز دەپ ئويۇن ئويناپ ۋىدىئو ئىشلەيدىغان بىچارىلەر، ئىش قىلىۋاتقاننى تىللاپ ھاقارەتلەپ، ئۇلارنى يامان كۆرسىتىمىز دەيدىغانلار سىزگە دەيدىغىنىم- سىز بەزى دۆلەتلەرگە ئەمدى يەرلەشكەندە ، سىز ماڭقا ۋاقتىڭىزدا ئۇلار ۋەتەندە ئىنقىلاپ باشلاپ 20 نەچچە يىلدىن بىرى ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىش قىلىۋاتىدۇ، خەلق ئۇلارنى تونۇيدۇ، بىز ئۇلارنى تونۇيمىز.ئۇلار سىرتتا، ھەر قايسى دۆلەتلەردە بېرىپ كېلىپ ھەركەت قىلىدۇ، سىز پەقەت شۇ ئۈيىڭىزدە ئولتۇرۇپ فېيسبۇكتا ۋىدىئو تارقىتىپ ئانچە مۇنچە بىلگەنلىرىڭىزنى پەش قىلىپ بىلمىگەنلەرنى ئازدۇىرسىز، ئىش قىلغانلارنى خائىن مۇناپىق دەيسىزٜ. سىزنىڭ قولىڭىزدىن كېلىدىغىنى شۇ. ئۇلار ئائىلىسى بۇيىچە بەدەل تۆلەپ ئۇيغۇر ئۈچۈن تىنىمسىز ئىش قىلىپ خائىن بولسا ئۇنداقتا كومپيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇۋېلىپ سۆزلەپ ئۇنى بۇنى تىللاپ ئولتۇرىدىغان، نەشتىرىڭىزنى سانجىيدىغان سىز نېمە؟ كەينىڭىزدە كىم بار؟

خەلقىمىز ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ ئىش قىلىۋاتقان شۇ ئەزىزلىرىمىزنى قەدىرلەيلى قېرىنداشلار، بەزى ئىنسانلارنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇۋېلىپ كومپيوتېر ئالدىدا ئۇلارنى خائىن دىسە ئۇلار خائىن بۇلۇپ قالمايدۇ.باشقىلارنى خائىن دەيدىغان شۇنداق ئىنسانلار ئۆزى كىم بۇنى ياخشى بىلىشىمىز كېرەك. كومپيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇۋېلىپ باشقىلارغا باھا بېرىدىغان ، ھاقارەتلەيدىغان ئىنسان كىم ، ئۇ نېمە دەۋاتىدۇ گېپىنى ياخشى چۈشىنەيلى قېرىنداشلار. ئۇندقلارغا قويدەك ئەگىشىپ كېتىدىغان نادان ئۇيغۇر ئەمدى قالمىدى مەنچە.
ئىش قىلىۋاتقان رەھبەرلەردىن ئايرىلساق دەۋايىمىز يول باشسىز قېلىپ، كېتىپ بارغان ماشىنىنىڭ رولىنى خىتاي قولىغا ئالىدۇٜ. مىللىتىمىز تولدۇرۇپ بولالمايدىغان زىيانغا دۇچ كېلىدۇٜ. ئۇلارنى تىللىماڭ، ئۇلار نېمە بولسا بولسۇن سىز ۋە بىز ئۈچۈن خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇيغۇر دەپ توۋلاۋاتىدۇٜ. تىللىغىڭىز يازغىڭىز كەلسە بۇرۇن چىققان مۇناپىقلار، خائىنلار ھەققىدە، ئاتا ئانىڭىزنىڭ، ئايالىڭىزنىڭ، قىز دوستىڭىزنىڭ، ئېرىڭىزنىڭ، ئوغۇل دوستىڭىزنىڭ، بىر قوساق قېرىندىشىڭىزنىڭ پاسپورتىنى قانۇنسىز يىغىۋالغان جاللات چوشقا چىن چۈەنگو ھەققىدە سىز بىلىدىغان چەتئەل تىلىدا يېزىڭٜ. ۋەتەندىكى بۇلۇۋاتقان ئىشلارنى سىز بىلگەن تىلدا يېزىپ تارقىتىڭ، ۋىدىئو قىلىپ ئىشلەڭ، ۋىدىئودا شۇنى چەتئەلچە سۆزلەڭ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرنى بۆلمەڭٜ. خەلق دۆت ئەمەس، بىر كۈنى بىلىپ بىلمەي قىلغان بۆلگۇنچىلىكىڭىز پاش بولسا سىز باشقىلارغا ئىشلەتكەن خائىن دېگەن نام سىزگە قايتىپ كېلىشى مۇمكىن.
بارلىق سۆيۈملۈك شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلارغا ئامان ئېسەنلىك يار بولسۇن.

كۆك
2018- يىلى 1- ماي

مەنبەسى:تۈركىستان ۋاقتى تورى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش