ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 02.05.2018 12:48:18 يوللانغان تارىخ: 02.05.2018 12:48:18 0 5369

نىجات تۇرغۇن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

بۇ قېتىمقى سايلامدا، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ 8 نەپەر دائىمىي ھەيئەت ئەزاسىدىن باشقا يەنە 4 نەپەر زاپاس كاندىدات ھەيئەت نامزاتلىرى بېكىتىلىش بىلەن بىرگە، نازارەت قاتلىمىدا 2 نەپەر دائىمىي نازارەتچى ۋە 2 نەپەر زاپاس نازاەت ھەيئىتىمۇ سايلاپ چىقىلدى

نىجات تۇرغۇن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، 2018- يىلى 07- ئاپرىل يەكشەنبە كۈنى تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە 7- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ ئۇيۇشمىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىنى قايتىدىن سايلاپ چىقتى.

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ نىزامنامىسىغا كۆرە، ھەر ئىككى يىلدا بىر سايلام ئېلىپ بېرىشتەك پرىنسىپىغا ئاساسەن بۇ يىل يەنى 2018- يىلى 07- ئاپرىل شەنبە كۈنى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرى تولۇق يىغىلىشى بىلەن ئۇيۇشمىنىڭ ئىچكى كابېنتىنى سايلاپ چىقتى.

بۇ قېتىمقى سايلام يىغىنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان رەئىسى ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندى، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان 12يىلدىن بۇيان ئىشلەنگەن خىزمەتلىرى، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەر ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە 4- نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىككى يىل جەريانىدا ئەمەلىيلەشكەن خىزمەتلەر توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەردى.

ئابدۇللاھ كۆكيار، مەسئۇل بولغان ئىككى يىل ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان كۆپ قاتلاملىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى شۇنداقلا شىۋېتسىيەدە تارقاق ياشاۋاتقان بارلىق پىداكار ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن، ئومۇمغا خالىسانە مۇلازىمەت قىلىش، ۋەتەن مىللەتنىڭ ئاھۇ زارلىق ئاۋازىنى خەلقئاراغا يەتكۈزۈش، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلارنىڭ قەبىھ ماھىيىتىنى خەلقئالەمگە بىلدۈرۈش، ياشلار تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇيغۇر ئانا تىلنى قوغداشنى ئاساسى نىشان قىلغان ھالدا 2016- ۋە 2017- يىللىق خىزمەت پىلانلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى غەلىبىلىك ئۇرۇنداپ، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاقلاشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندىنىڭ دوكلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىۋېتسىيە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار سايلام تەرتىپى ۋە ئۇسۇلى بويىچە، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ 7-نۆۋەتلىك يېڭى رەئىسى ۋە ھەيئەت ئەزالىرى دېموكراتىك شەكىلدە سايلاپ چىقىلدى.

سايلامدا، نىجات تۇرغۇن ئەپەندى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ 7- نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

رەئىسلىك سايلىمىدىن كېيىن، ئۇيۇشمىنىڭ ئەسلىدىكى 9 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىنى كۆپەيتىپ، ئۇيۇشمىنىڭ نازارەت ۋە كاتىباتلىق ھەيئەتلىرى، مۇئاۋىن رەئىس، تاشقىي ئىشلار مەسئۇلى، كاسسىر، ئىجتىمائىي خىزمەت مەسئۇلى، ياشلار بۆلۈمى مەسئۇلى، تەشۋىقات ۋە ئۇچۇر بۆلۈملىرىنىڭ مەسئۇلى قاتارلىقلار سايلىنىپ چىقىلدى.

بۇ قېتىمقى سايلامدا، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ 8 نەپەر دائىمىي ھەيئەت ئەزاسىدىن باشقا يەنە 4 نەپەر زاپاس كاندىدات ھەيئەت نامزاتلىرى بېكىتىلىش بىلەن بىرگە، نازارەت قاتلىمىدا 2 نەپەر دائىمىي نازارەتچى ۋە 2 نەپەر زاپاس نازاەت ھەيئىتىمۇ سايلاپ چىقىلدى.

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا يېڭىدىن رەئىس بولۇپ سايلانغان نىجات تۇرغۇن ئەپەندى، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىللىق خىزمەت تەسەۋۋۇر ۋە پىلان لايىھەلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئىدارە خىزمەتلەرنى ياخشى تەڭشەپ تەرتىپكە سېلىۋالغاندىن كىيىن، بىر تەرەپتىن ياشلارنى تەربىيىلەش يەنە بىر تەرەپتىن ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ۋەتەن مىللەتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە تېخىمۇ كەڭ پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيۇشمىنىڭ كۆپ قاتلاملىق خىزمەت پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلىق ۋە كەسپىي سەۋىيىدە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىگىلىنىشچە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 2006- يىلى يانۋار ئېيىدا، بىرقانچە نەپەر ياشلارنىڭ بىر يەرگە جەم بۇلىشى بىلەن غەيرىي رەسمىي ھالدا شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا (مائارىپ) نامىدا پائالىيەت باشلاپ، بالىلارنىڭ ئانا تىل ۋە قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىش بىلەن بىرگە، چوڭلارغىمۇ ھەپتىلىك دىنىي سۆھبەت ئورۇنلاشتۇرۇپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، 2007- يىلىغا كەلگەندە شىۋېتسىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا ئىلتىماس سۇنۇش ئارقىلىق (ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى) نامىدا رۇخسەت ئېلىپ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىكەن.

بۇ نۆۋەتلىك سايلام، ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە بولغان يۈكسەك ئۈمىد- ئارزۇلىرى بىلەن قىزغىن ۋە دوستانە كەيپىيات ئىچىدە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

تۈركولوگ، مېھرى- مۇھاببەت، ياخشىلىق ياخشىلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ